تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ تور ئارقىلىق تارقىتىلغان مەزكۇر ۋىدەئوسى بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر ۋىدەئو ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى مەخسۇس جىھادچى گۇرۇھلارنى ۋە تور بەتلىرىنى نازارەت قىلىدىغان «خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات گۇرۇپپىسى» نىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان. ئانالىزچىلار، ۋىدەئو تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ بازىسىدا ئېلىنغانلىقى ۋە بۇ بازىنىڭ پاكىستاندا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئون مىنۇت 44 سېكۇنت ئۇزۇنلۇقتىكى ۋىدەئودا تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئابدۇشۈكۈر داموللا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان. ئابدۈشۈكۈر داموللا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ دىنىي ، «قوش تىللىق مائارىپ»، ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش، پىلانلىق تۇغۇت، كۆچمەنلەر ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىش سىياسىتىنى تەنقىدلەيدۇ. بۇ يىل ئىيۇلدىكى خوتەن ۋە قەشقەر يېڭى بازاردا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سالغان ھەر خىل زۇلۇمىغا قارشى ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىشى ئەمەس. مەزكۇر ئورگان 2008-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
لېكىن، خىتاينىڭ ناۋاغ ۋە يېڭى بازار ۋەقەلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا دائىر تەپسىلاتلارنى يوشۇرۇپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى قويۇشى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدا ۋە كۆزەتكۈچىلەردە بۇ ئىككى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلارنى قوزغىغان. بېزىلەر تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بىراق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئۈمىد ئاگاھى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر پارتىيە جىددىي مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك «جىھادى» ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر «يېڭى بازار ۋەقەسى» نى پەيدا قىلغان ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنىڭ رەھبىرى مەمتىلى تىلىۋالدىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ پاكىستاندا تەربىيە ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەمتىلى تىلىۋالدى «يېڭى بازار ۋەقەسى» يۈز بېرىپ 3-كۈنى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى بىلەن قەشقەر سەھەر سىرتىدا يۈز بەرگەن قوناقلىقتىكى توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى تارقاتقان ۋىدەئوغا يەنە، مەمتىلى تىلىېۋالدىنىڭ 2006-يىلى پاكىستاندىكى بازىدا چېكىلگەن ۋىدەئو كۆرۈنۈشى ۋە ئۇنىڭ بىر پىدائىي بىلەن چېلىشىۋاتقان چېلىش مەيدانىنىڭ كۆرۈنۈشى كىرگۈزۈلگەن. ۋىدەئودا ئابدۈشۈكۈر داموللا يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى ۋەقەلەرنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سەمەن يولى ۋەقەسى، يامان يار ۋەقەسى، خوتەن چوقۇر بازىرى مۇسۇلمانلار ئاياللار نامايىشى ۋە ئاقسۇ ئىگەچى ۋەقەسى قاتارلىق جىھادى ھەرىكەتلەردىن ئىبرەت ئالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىدىكى ئۈمىد ئاگاھى خىتاي دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى داۋاملىق كونترول قىلىپ، ئۇلارغا چىقىش يولى بەرمىسە، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوراللىق كۈرەش يولىغا مېڭىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋىدەئوغا ھازىرغا قەدەر ئىنكاس قايتۇرمىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ ۋېيمىن چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ۋىدەئو ۋە ۋىدەئودىكى مەسئۇلىيەتنى ت ئى پ نىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلاردىن مەلۇماتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ليۇ ۋېيمىن ئەسكەرتىپ، ئاتالمىش بۆلگۈنچىلەرنىڭ « جۇڭگو چېگراسىدا ۋەھشىيانە زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. «جۇڭگونىڭ تېررولۇققا قارشى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
لېكىن، مۇھاجىرەتتىكى بەزى خىتاي ئۆكتىچىلەر خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن دىنىي، سىياسىي جەھەتلەردىكى باستۇرۇش، مەدەنىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىكى كەمسىتىش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىدا ھەمپىكىر. خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ قاراشتىكى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى رايوندىكى ۋەزىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « بۇنى ئىككى خىل سەۋەب كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىرىنچىسى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرۇشى. نەتىجىدە بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە بولغان نازىلىقىنى كۈچەيتىۋەتكەن. ئىككىنچىسى، بۇ جەرياندا بەزى خەنزۇ ئاممىسى ئەھۋالنى چۈشەنمەي، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتىنى ئازدۇر-كۆپتۇر قوبۇل قىلغان بولدى. بۇ ئۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ئۇنىڭدىن سىرت ئۇيغۇر ئاممىسى خەنزۇلار بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى بىر دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ زىددىيەت ئىلگىرىلەپ ئۆتكۈرلەشتى. ئومۇمەن ئېتيقاندا، شىنجاڭدىكى زىددىيەت مەيلى ھۆكۈمەت بىلەن ئامما ئارىسىدا بولسۇن، مەيلى خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسۇن، بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇنقىغا قارىغاندا ناھايىتى ئېغىر.»
خۇ پىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇپ كەلگەن خاتا سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئويلىنىشىنى ۋە تۈزىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا قارىغاندا ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىغا ئۈمىدۋار قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00