2011- يىلى 11 - ئاينىڭ 19 - 20 - كۈنلىرى ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئىنسان ۋە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا ئىسپانىيىنىڭ مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن فەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 1300 - يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.
يىغىنغا 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن مۇسۇلمان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ باشچىلىقىدا 4 كىشىلىك بىر ھەيئەت قاتناشتى. يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى يەنى 19 - نويابىر، ئىسپانىيىنىڭ فەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 1300 - يىلى ۋە ياۋرۇپادىكى مۇسۇلمانلار توغرىسىدا سۆز قىلىندى.
يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى يەنى 20 - نويابىر كۈنىدىكى يىغىندا ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلتاي يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى نەجمى سادىق ئوغلى ئېچىلىش نوتقى سۆزلىدى ۋە يىغىندا ئوتتۇرا شەرقتە داۋام قىلىۋاتقان ئەرەب باھارى توغرىسىدا توختالدى. يىغىندا يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايون ۋە دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى. يىغىندا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان ۋەزىيىتى ۋە ھەل بولماي كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختالدى. يىغىندا يەنە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈركچە ۋە ئەرەب تىلىدا تەييارلانغان 12 سەھىپىلىك دوكلات يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا تارقىتىلدى.
يىغىن جەريانىدا يەنە ئىراق ۋەكىلى ئەخمەت ھەققى ۋە قازاقىستان ۋەكىلى خەلىل غۇجا سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختالدى. خەلىل غۇجا سۆزىدە مۇنداق دېدى: قازاقىستاندا يۈزدە 70% مۇسۇلمانلار ياشايدۇ، بۇ يىل قازاقىستان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. بىزنىڭ خەلقىمىز 74 يىل رۇسنىڭ ئىشغال ئاستىدا قېلىپ تىلىنى، دىنىنى ئۆنۇتقان بىر خەلق. ئىسلام دۇنياسى قازاقىستانغا ئىگە چىقىش كېرەك. چۈنكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا بالا بولغان خىتاي ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆزىنى تىكتى. قازاقىستاننى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن 15 مىليارد دوللار قەرز بەردى. قازاقىستاندا نەچچە مىڭلىغان زاۋۇت - كارخانىلارنى خىتايلار سېتىۋالدى. نەچچە مىڭلىغان خىتايلار ھازىر قازاقىستانغا كېلىپ ئىشلەۋاتىدۇ. خىتايلارنىڭ مەقسىتى، قازاقىستاننى خىتايلاشتۇرۇش، دىنسىزلاشتۇرۇش، قازاقىستانغا يەرلىشىش، كۆپىيىش ئۈچۈن قازاق مۇسۇلمان قىزلار بىلەن توي قىلىۋاتىدۇ. قازاقىستاننىڭ 16 مىليون نوپۇسى بار. قازاقىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقى كۆپ. قازاقىستان ئىسلام دۆلىتى بولسا، شەرقىي تۈركسىتانلىق قېرىنداشلىرىمىز قاتارلىق پۈتكۈل زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار ئۈچۈنمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن تۈركىستان ۋە ئەلئەقسا يىغىنى ناملىق بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىمىز. ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن قازاقىستاندا خەلقئارالىق بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز قولىمىزدىن كېلىدىغان ھەر قانداق خىزمەت بولسا قىلىشقا تەييار، شەرقىي تۈركسىتان، پەلەستىن، لىۋىيە ۋە سۈرىيىنىڭ مەسىلىلىرى ئەڭ چوڭ مەسىلىلەردۇر. مۇسۇلمانلار قېرىنداش بولۇپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلساق غەلىبە بىزنىڭ بولىدۇ. ئاللاھ بىزنى غەلىبىگە ئېرىشتۇرىدۇ.
بىز ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى نەجمى سادىق ئوغلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. نەجمى سادىق ئوغلى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى پىكىر - قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ھەممىمىزنى چوڭقۇر قايغۇلاندۇرماقتا. ئىسلام دۇنياسىنىڭ باشقا رايونلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر بىزنى قانداق قايغۇلاندۇرۇۋاتقان بولسا، ئوخشاشلا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرمۇ بىزنى قايغۇلاندۇرىدۇ. بىز ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆتكەن يىلدىن بۇيان ھەر قېتىملىق يىغىنىلىرىمىزدا شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ يىغىنلىرىمىزغا كۆپ ساندا ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتنىشىدۇ. ھەر قېتىمقى يىغىنىمىزدا بىز شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ مەسىلىگە ئىگە چىقىشنى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن قاتناشقان ۋەكىللەرگە شۇ دۆلەتتىكى خەلق ئاممىسىغا بۇ مەسىلىنى ئاڭلىتىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بۈگۈنكى يىغىندىمۇ يىغىن ئىشىتىراكچىلىرىدىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ۋە يۇرتلىرىغا قايتقاندا خەلق ئاممىسىغا ئاڭلىتىشنى تەلەپ قىلدۇق. بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەن ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەردىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراشلىرىنى تەلەپ قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىنكى يىغىنلىرىمىزدىمۇ شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنى يىغىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈرىمىز.
ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكى 2005 - يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ بۇ تەشكىلاتنىڭ ھازىر 50 دۆلەتتە 200 گە يېقىن ئاممىۋىي تەشكىلات ئەزاسى بار.
بىز يەنە بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
0:00 / 0:00