ئېھسان ئوغلى: خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009.09.30
2009.09.30
www.oic-oci.org ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
2009 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى پروفېسسور دوكتور ئەكمەلىددى ئېھسان ئوغلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىن زالىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. بۇ يىغىننىڭ تەپسىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنتېرنېت تور تېلېۋىزىيىسىدە نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلى سۆز قىلىپ، ئاتوم - بومبىسى بىلەن قوراللانمايدىغان بىر ئىسلام دۇنياسى پىكىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ ئۈرۈمچىدە 7 - ئايدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە توختالدى ھەم ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىغا ئەزا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئەمما ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئېھسان ئوغلۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بولسا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون، ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، خەلقئارالىق كۆزىتىش تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ رايونغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ، ئۇلار نېمە ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلمەيدۇ مەن ئېنىق بىلمەيمەن. بەلكى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ سۈكۈتتە تۇرغان بولىشى مۇمكىن. ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى 7 - ئايدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە خىتاي بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلىشىپ كەلمەكتە. ھەتتا ۋەقە يۈز بەرگەن ئۈرۈمچىگە ھەيئەت ئەۋەتتۇق، ئۇلار ئۈرۈمچىگە كېتىپ ۋەقە يۈز بەرگەن رايوننى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنىڭ ھەيئىتى پەقەت ئۈرۈمچىگە بارالىدى، ئەمما قەشقەرگە بېرىشقا رۇخسەت قىلىنمىدى. ئىسلام دۇنياسى خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولىۋاتىدۇ ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەر ھەم پىكىر - قاراشلار ئۆزگەرمەيدۇ، ئەمما ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى.
ئېھسان ئوغلۇ سۆزىدە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى رايونغا زىيارەتكە بېرىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى، ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى ئۇ رايونغا بىر ھەيئەت ئەۋەتكەنلىكىنى، يېقىندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئېھسان ئوغلۇ سۆزىدە يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن قالسا ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ چوڭ تەشكىلات ھېسابىلىدىغانلىقىنى، بىر يېرىم مىليارد مۇسۇلماننىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ 40 يىللىق بىر ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى 1969 - يىلى 9 - ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ بۇ تەشكىلاتنىڭ 57 دۆلەت ئەزاسى بار، بۇ تەشكىلات، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە خەلقئارالىق بىر تەشكىلات. بۇ تەشكىلات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.
ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى بۈگۈنكى ئىسلام دۇنياسىنى بىر ئارىغا جەم قىلغان بىردىن بىر تەشكىلات، بۇ تەشكىلات دۇنيادا سىياسىي پائالىيەت قىلىدىغان ئەڭ كۈچلۈك تەشكىلات بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەئىسلىرى ۋە باش مىنىستىرلىرى ھەر ئۈچ يىلدا بىر توپلىنىپ يىغىن ئاچىدۇ ۋە قارارلار ئالىدۇ. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، ئىسلام قۇرۇلتىيىدا ئېلىنغان قارارلارنى تەكشۈرۈش ۋە كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن ھەر يىلى بىر قېتىم توپلىنىدۇ. ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىگە جايلاشقان.
تۈركىيىدە چىقىدىغان "زامان" گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا ئىسلام قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلۇ 5 - ئىيۇل ۋەقەلەردىن كېيىن تىنچلىق ۋەزىيىتى ياخشىلانمىغان ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە بارىدىكەن ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن كوچىلارنى ئايلىنىپ مۇسۇلمانلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئۇلارنىڭ دەرت-ئەھۋالىغا قۇلاق سالىدىكەن.
ئۈرۈمچى زىيارىتىدە مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئاڭلىماقچى بولغان ئېھسان ئوغلۇ "جىھان خەبەر" ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ ئۇ مۇنداق دېگەن: رەسمى ئېلان قىلىنغان رەقەملەرگە قارىغاندا 200 كىشى، چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ ئېلان قىلغان رەقەملىرىگە قارىغاندا مىڭلارچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئىسلام دۇنياسىنى ئەجەپلەندۈرۈپ بەك ئەكىس تەسىر قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۈرۈمچىدە، قەشقەردە يەنى شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇققا تېخىمۇ ھۆرمەت قىلىنغان، مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ، ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدالغان ۋە شىددەتلىك ۋەقەلەر يۈز بېرىش ئېھتىمالدىن ئۇزاقلاشقان بىر چۈشەنچىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى كۈتۈۋاتىمىز. بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ يېڭىدىن يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئىلگىرى ئۇ رايونغا بارغان ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنىڭ ھەيئىتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 7 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە 57 ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئەلچىلىرىنى چاقىرىپ، ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە جىددى يىغىن ئاچقان ھەمدە ئۇيغۇر رايونغا بىر ھەيئەت ئەۋەتىش ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھەققىدە قارار ئالغان. بۇ قارارغا پاكىستان ۋە سۇدان ھۆكۈمەتلىرى قارشى چىققان بولسىمۇ، كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن بۇ قارار قوبۇل قىلىنغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.