«خەلقئارا ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى» خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

«خەلقئارا ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى» خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارغا دىنىي ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلىش توغرۇلۇق مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان.

0:00 / 0:00

«خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ تارمىقىدىكى «خەلقئارا ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى» 1983-يىلى 6-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 43 دۆلەت ئىشتىراك قىلىدۇ ۋە 58 دۆلەتتىن تاللانغان ئۆلىمالار، ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى ۋە فىقھىشۇناسلار بۇ ئاكادېمىيىگە ئەزا بولغان. قارارگاھى جىددە شەھىرىدە.

بۇ تەشكىلاتنىڭ ۋەزىپىسى ئىسلام ئەللىرىدە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرىدىغان، شەرىئەت ھۆكۈمى تەلەپ قىلىدىغان مەسىلىلەرنى قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتنىڭ روھىغا ئاساسلىنىپ ھەل قىلىش ۋە پەتىۋا تەلەپ قىلىدىغان مەسىلىلەردە پىكىر-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىسلام فىقھىنى تارقىتىش ھەم ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

«خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ تارمىقىدىكى «خەلقئارا ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى» 2012-يىلى 28-يانۋار كۈنى خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارغا دىنىي ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلىش توغرۇلۇق مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان. بۇ بايانات سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان گېزىتلەردە كەڭ تەشۋىق قىلىنغان.

قاراردا مۇنداق دەپ يېزىلغان:

«خىتاينىڭ نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن يەرلىك تۇڭگان مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا چىققان توقۇنۇشتا بىر قانچە كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 50 كە يېقىن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە 100 گە يېقىن ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى شۇ رايوندىكى بىر تارىخىي مەسچىتنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي يىقىتىپ تاشلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ‹خەلقئارا ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى› ئەزالىرىنى قاتتىق بىئارام قىلدى. شۇ سەۋەبتىن تۆۋەندىكىچە بايان قىلدى:

  1. ‹خەلقئارا ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى› خىتايدىكى مەسچىت يىقىتىش ئىشىغا قاتتىق قارشى تۇرىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمانلارنى ئىبادەت قىلىشتىن، مەسچىتلەرگە بېرىپ ناماز ئوقۇشتىن توسۇش ۋە مەسچىتلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش دىنىمىزدا ئېغىر گۇناھ ئىشلاردۇر. مەسچىتلەرگە ئازادە بېرىپ ناماز ئوقۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئاددىي ھوقۇقلىرىدىن بىرىدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى خەلقئارالىق قانۇنلاردا قوغدىلىپ كېلىۋاتقان تەبىئىي ھوقۇقتۇر. قۇرئان كەرىم كىشىلەرنى مەسچىتلەردىن توسقانلىقىنى ھەددىدىن ئاشقان زالىملىق دەپ سانايدۇ. قۇرئان كەرىمىدە مۇنداق دېيىلگەن: ‹ئاللانىڭ مەسچىتلىرىدە ئاللانىڭ نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇلارنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ مەسچىتلەرگە ئۇلارنىڭ پەقەت قورققان ھالدىلا كىرىشى لايىق ئىدى، ئۇلار دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ. ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ› دەپ كۆرسىتىلگەن. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي دائىرىلىرىنى مۇسۇلمانلارغا كەڭچىلىك قىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئىبادەتلىرىنى ئەركىن، ئازادە قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشقا، مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتلىرىنىڭ ھۆرمىتى ساقلاپ زىيانكەشلىك قىلماسلىققا چاقىرىمىز.
  2. مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە بولمىسۇن، ئۇلار قېرىنداشتۇر. ئۇلارنىڭ دىنى بىر، ئەقىدىسى بىر، قىبلىسى ۋە كىتابى بىردۇر. ئۇلار بىر بەدەنگە ئوخشاشتۇر. بىزنىڭ دىنىمىزدا، دۇنيانىڭ ئەڭ يىراق ئۇچىدا بىر مۇسۇلمانغا زىيان يەتسە، ئۇنىڭ بۇ ئۇچىدىكى مۇسۇلماننىڭ بىئارام ھېس قىلىشى ۋە مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ياردەم قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى تەسۋىرلەپ، ‹ئۇلار بىرەر ئورگىنى راھەتسىزلەنسە، جىمى ئورگىنى بىئارام بولۇپ كېتىدىغان بىر بەدەنگە ئوخشاشتۇر› دېگەن. مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىنى قوغداش، قۇتقۇزۇش، ياردەم قىلىش ۋە يار-يۆلەك بولۇش مەجبۇرىيىتى بار. ‹خەلقئارا ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى› تەشكىلاتىمىزنىڭ 7-قېتىملىق چوڭ يىغىنىدىمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئېزىلگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ياردەم قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ يۈكلىرىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش لازىملىقى ھەققىدە قارار ماقۇللانغان. مۇسۇلمانلارغا بولىدىغان ياردەم پۇل-مال بىلەن، ئۇلارغا چىن كۆڭۈلدىن ھېسداشلىق قىلىش بىلەن ۋە سىياسىي بىلەن بولىدۇ. بىز مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىش يولىدا بار ئىمكانىيەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى قوللىنىمىز.»