"ئىسلام ئىبادەتلىرى" ناملىق تارىخىي ئەسەر نەشىردىن چىقتى

يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق تونۇلغان ئالىم ۋە يازغۇچى مۇھەممەد قاسىم ھاجىم تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان " ئىسلام ئىبادەتلىرى"ناملىق تارىخىي ئەسەر نەشىردىن چىقتى. مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بۇ ھەقتە سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم " ئىسلام ئىبادەتلىرى" ناملىق ئەسەرنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى:" بۇ كىتاب ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ ' ئىبادەت ئىسلامىيە' دېگەن ئەسىرى تەرىقىسىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئەھمەد ئابدۇلھادى دېگەن كىشى ئۆزبېكىستاندا يازغان بولۇپ، كېيىن مۇھەممەد مۇسا تۈركىستانى دېگەن كىشى قەلەم بىلەن بىر- بىرلەپ يېزىپ كۆچۈرۈۋالغان ئىكەن. مۇھەممەد مۇسا بۇ كىتابنى 70 يىلدىن بىرى ساقلاپ كەلگەن ئىكەن. بۇ كىشى مەندىن بۇ كىتابنى نەشىرگە تەييارلاپ باستۇرۇپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ كىتابنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆرۈپ نەشىرگە تەييارلاتقۇزۇپ، باستۇردۇم. بۇ ئادەم كىتابنى باستۇرۇش ئۈچۈن پۇلنى بەرگەن بولسىمۇ كىتابنىڭ بېسىلىپ چىشىغا ئۆمرىگە يەتمىدى. مەرھۇم بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىنى كۆرەلمەي ئالەمدىن ئۆتتى."

كىتابنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى

" ئىسلام ئىبادەتلىرى" ناملىق بۇ ئەسەر مۇندىن تەخمىنە 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، شۇ ۋاقىتتىكى چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، بەكمۇ چۈشىنىشلىك ھەم سوئال - جاۋابلىق قىلىپ يېزىلغان ۋە بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان پۈتۈن دىنىي بىلىملەرنى ناھايىتى ئىخچام ۋە ئېنىق ھالدا يۈز بەتكە يەتمەيدىغان بىر كىچىك كىتابتا چۈشەندۈرگەن ئىكەن.

كېيىن بۇ كىتابنىڭ ياخشىلىقى ۋە ھەممىگە ئاممىباب ئوڭاي بىر كىتاب بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر قوللىرى بىلەن كۆچۈرۈپ يېزىپ ئوقۇغان ۋە بالىلىرىغا ئوقۇتقان ئىكەن. مۇھەممەد مۇسا تۈركىستانى دەيدىغان ئۆزبېكىستانلىق بىر كىشى يۇرتىدىن ئايرىلغاندا، " ئىسلام ئىبادەتلىرى" ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئۆزى كۆچۈرۈپ چىققان قول يازمىسىنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، كىتابنى باستۇرۇپ تارقىتىشنى باشتا ئويلىمىغانمۇ، ھەر ھالدا بۇ كىتابنى 70 يىل يېنىدا ساقلىغاندىن كېيىن، ئاخىرقى ئۆمرىدە بۇ كىتابنى نەشىرگە تەييارلاپ بېسىپ تارقىتىشقا بەل باغلىغان ئىكەن. مۇھەممەد قاسىم ھاجىمنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ كىتاب ھازىر نەشىر قىلىنغان ۋە مۇسۇلمانلارغا ھەقسىز تارقىتىلماقتا.