خىتاي مەسئۇلى ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلدى

2010-يىلى 12-ئايدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىنى قارارگاھى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە بولغان خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتىيىدا زىيارەتتە بولدى.

0:00 / 0:00

خەلقئارا ئىسلام ئاگېنتلىقىنىڭ 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: "خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتاي تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى پروفېسسور ئەكمەلىددىن ئېھسان ئوغلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مۇئاۋىنىنى تەشكىلاتنىڭ جىددە شەھىرىدىكى قارارگاھىدا كۈتۈۋالدى. بۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مەسئۇلىنىڭ خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتاي تەشكىلاتىغا قىلغان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مەسئۇلىنىڭ بۇ تۇنجى زىيارىتى بۇلتۇر 7-ئايدا ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى پروفېسسور ئەكمەلىددىن ئوغلىنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ ۋە نىڭشا ئۆلكىلىرىگە قىلغان رەسمىي زىيارىتىنىڭ نەتىجىسى سانىلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئاسىيادىكى ئىسلام مەملىكەتلىرى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ۋە ئافرىقا قىتئەسىدىكى بەزى پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىلىق سۆزلەشتى شۇنداقلا خىتاي بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كېلىشتى."

سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي مەسئۇللىرىنىڭ خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتاي تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلىشتىكى مەقسىتى مەزكۇر تەشكىلاتنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۆككە كۆتۈرمەسلىك ئۈچۈن قايىل قىلىشقا تىرىشىشتىن ئىبارەت بولۇپ، خىتاي مەسئۇللىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئۆزلىرىنىڭ يولسىزلىقلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن تىرىشقان. شۇنداقلا خىتاي مەسئۇللىرى خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتاي تەشكىلاتىدىن «شەرقىي تۈركىستان» سۆزىنى قوللانماسلىقنى تەلەپ قىلغان. بىر تەرەپتىن خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى پۈتۈن مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ غېمىنى يەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.