يىغىنغا تۈركىيە جۇمھۇرىيتى دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل رىياسەتچلىك قىلدى. يىغىنغا ئىسلام قۇرۇلتېيى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن 11 دۆلەت رەئىسى، 6 باش مىنىستىر، 3 مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە 18 نەپەر مىنىستىر ئىشتىراك قىلدى. شىمالىي قىبرىس، بوسناھەرسەك، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يىغىنغا كۆزەتچى سۈپىتىدە قاتناشتى.
يىغىنغا 54 دۆلەتنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى قاتناشتى.
تۈركىيىدە چىقىدىغان ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ 2009 - يىلى 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى سانىدا بىلدۈرۈشىچە، يىغىنغا دۆلەت رەئىسلىرىدىن ئافغانىستان دۆلەت رەئىسى ھامىد كارزاي، ئىران دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئەخمەدى نىجاد، سۈرىيە دۆلەت رەئىسى بەشەر ئەسەد، بىنگال دۆلەت رەئىسى زىللنۇر راخمان، سېررا لېئونې دۆلەت رەئىسى ئەرنېست بائى كوروما، سومالى دۆلەت رەئىسى شېرىف شەيخ ئەخمەت، گىۋىنىيە دۆلەت رەئىسى مالام باسائى سانھا، قاتار ئەمىرى شەيخ ھاماد بىن خەلىپە ئەل تانى، كومورلار بىرلەشمىسى جۇمھۇرىيتى رەئىسى ئەخمەت ئابدۇللاھ، قىرغىزىستان دۆلەت رەئىسى قۇرمانبەك باقىيوف، كۈۋەيت ئەمىرى شەيخ ساباھ ئەل ئەخمەتلەر قاتناشتى.
يىغىنغا يەنە،ئىراق ۋە گامبىيە دۆلەت مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئىئوردانىيە، بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى، تاجىكىستان، گانا، پەلەستىن ۋە ماۋرىتانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىر دەرىجىلىك ۋەكىللىرى، ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە مالايسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىرى قاتناشتى.
يىغىنغا يەنە، ئوگاندا، پاكىستان، تۈركمەنىستان، چاد، تۇنىس، ئالجىرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، سىنگال، ئۇممان، كامېرۇن، لىۋىيە، فاس، مىسىر، مۇزامبىك، نېگىرىيە، يەمەن ۋە جىبۇتى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى قاتناشتى.
يىغىنغا 293 چەتئەللىك ۋە 404 تۈركىيىلىك ئاخباراتچى مۇخبىرلار قاتناشتى. ساقچىلار يىغىن ئېچىلغان مېھمانخانا ئەتراپىدا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، مېھمانخانىنى 1000 غا يېقىن ساقچى قوغداپ ۋەزىپە ئۆتىدى، ئاسماندا تىكئۇچار ساقچى ئايرۇپىلانلىرى، دېڭىزدا ساھىل بىخەتەرلىكىنى قوغداش ساقچى كېمىلىرى قوغدىدى.
زامان گېزىتىنىڭ 2009 - يىلى 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىكى سانىدا بىلدۈرۈشىچە، يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى، يىغىندا تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ۋە ئىسلام قۇرۇلتېيى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى پروفېسسور دوكتۇر ئەكمەلىددىن ئېھسانئوغلۇ ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.
ئېھسانئوغلۇ سۆزىدە، ئىسلام قۇرۇلتېيى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەزا دۆلەتلەر ئۆز - ئارا ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات پروگراممىلىرى بىلەن نامراتلىققا قارشى كۈرەش قىلالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە سودا - تىجارەت بىلەن قولغا كەلگەن دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ پايدا - مەنپەئەتىنى نامراتلىققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئىشىلتىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئېھسانئوغلۇ سۆزىدە يەنە، نەتىجە ئىتىبارى بىلەن ئىقتىسادى سودا ھەمكارلىق دائىمى كومىتېتى ۋەزىپىلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلىغانلىقىنى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا ئابدۇللاھ گۇل بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسىي مەقستى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: دۆلەتلىرىمىز كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش باسقۇچى بىلەن ئىقتىساد ۋە سودا ھەمكارلىق دائىمى كومىتېتىنىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرى تاشقى سىياستىمىزنىڭ بىر- بىرىنى چەتكە قاقمايدىغان، قوللايدىغان ئامىلىدۇر.
يىغىندا، ئىسلام قۇرۇلتېيىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ۋە سودا تىجارەت ھەمكارلىقى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن يىغىن ئاخىرىدا، بىر قانچە نوقتا ھەققىدە قارار ئېلىنغان، بۇ قارارغا ئىسلام قۇرۇلتېيى تەشكىلاتى 2009 - يىللىق ئىستانبۇل قارارى دەپ نام بېرىلگەن.
يىغىندا ئېلىنغان قارارلار تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆتۈلدى:
ئىسلام قۇرۇلتېيىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادى ۋە سودا - تىجارەت ھەمكارلىقىنىڭ كۈچەيتىلىشى، خۇسۇسەن تىجارەتنىڭ بارغانسىرى ئەركىنلىشىشى، تىجارى شېركەتلەر ئوتتۇرىسىدا مال - تاۋار ھەمكارلىقى، خۇسۇسىي كارىخانچىلار ئوتتۇرىسىدىمۇ ھەمكارلىقنىڭ ۋە بىۋاستە مەبلەغ سېلىشنىڭ كۈپەيتىلىشى ۋە نامراتلىقنىڭ ئازىيىشىغا ئالاقىدار تىرىشچانلىقلارنىڭ كۆپىيىشىنى نىشان قىلغان مۇناسىۋەتلەرنى چىڭىتىمىز.
ئىقتىسادى ۋە تىجارەت ھەمكارلىق ساھەلىرىدە، ئىسلام قۇرۇلتېيى تەشكىلاتلىرىنىڭ كېلىشىملىرىنىڭ ۋە تەۋسىيە قىلىنغان قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتكۈل ئەزا دۆلەتلەر جىددىي ھالدا بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قىلىپ، تەستىقلىشىغا ئالاقىدار چاقرىقتا بولىمىز.
ئىقتىساد ۋە سودا ھەمكارلىق كومتېتى رەئىسىنىڭ، ئىسلام قۇرۇلتېيى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىقتىساد ۋە تىجارەت ھەمكارلىقنى، ئىدارە تۈزىمىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە ئېلىنغان تەۋسىيە ۋە قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىش پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پىكىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىقتىساد ۋە سودا ھەمكارلىق كومىتېتىدىن ئىستراتېگىيە بەلگىسى ۋە پائالىيەت ئىش - پىلانىنىڭ ئىسلام قۇرۇلتېيى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنڭ ئېھتىياجىغا ۋە كېرەكلىك بولغان ئورۇنلارغا ئىشلىتىشى ھەققىدە كۆزدىن كەچۈرۈشىنى ۋە زۆرۈر كۆرۈلگەن تەقدىردە ئىقتىساد ۋە سودا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ھۆججەت بەلگىسى چىقىرىىشنى تەلەپ قىلىمىز.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.