ئىسپانىيە سوتى جياڭ زېمىن قاتارلىقلارنى سوتقا چاقىردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.11.23
2009.11.23
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ 21 - نويابىردىكى خەۋىرىدە، ئىسپانىيىنىڭ پايتەختى مادرىد شەھىرىدىكى دۆلەتلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ئىسمېر مورىننو ئەپەندىنىڭ، خىتايدا جازاغا تارتىلىپ، قىيناققا ئېلىنغان فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ، خىتاينىڭ سابىق دۆلەت باشلىقى جياڭ زېمىن قاتارلىقلار ئۇستىدىن قىلغان شىكايىتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ قارارنى چىقارغانلىقى قەيت قىلىنغان.
جياڭ زېمىن قاتارلىقلار جىنايىتى بېكىتىلسە، 20 يىل ئەتراپىدا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن
ئىسپانىيە سوتىنىڭ قارارى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر جياڭ زېمىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، ئۇلار 20 يىل ئەتراپىدا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە سوت مەھكىمىسى تېز ئارىدا جياڭ زېمىن قاتارلىق كىشىلەرگە سوتنىڭ قانۇنىي ھۆججەتلىرىنى ئەۋەتىشنى قارار قىلغان بولۇپ، ھۆججەتتە ئۇلارنىڭ سوت سورىغان مەسىلىلەرگە 6 ھەپتە ئىچىدە جاۋاب بېرىشى تەلەپ قىلىنغان، ئەگەر جياڭ زېمىن قاتارلىقلار سوتنىڭ ئەۋەتكەن ھۆججىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرمىسا، سوت بۇ كىشىلەرنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىدىكەن.خىتاينىڭ سابىق دۆلەت باشلىقى جياڭ زېمىن، 1999 - يىلى خىتايدا فالۇڭگۇڭچىلارنىڭ نورمال پائالىيىتىنى چەكلەپ ئۇلارنى باستۇرۇش بۇيرۇقى چىقارغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدا جياڭ زېمىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان چەتئەللەردىكى فالۈنگوڭ مۇرىتلىرى جياڭ زېمىن ھۆكۈمىتى ئۇستىدىن چەتئەللەردىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئۈزلۈكسىز ئەرز قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2002 - يىلى 18 - ئۆكتەبىر كۈنى يەنى خىتاينىڭ سابىق دۆلەت باشلىقى جياڭ زېمىن ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىگە زىيارەتكە كېلىشتىن 4 كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكىدىكى فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى جياڭ زېمىننى فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرىنى باستۇرغانلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئىللىنوي شتاتىنىڭ شىمالىدىكى فېدىرال سوتىغا ئەرز سۇنغان ئىدى. سوتچى ئۇلارنىڭ ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 2003 - يىلى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تۇنجى قېتىم فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن يۈز - تۇرانە كۆرۈشۈپ، 60 كۈن ئىچىدە ئەرزدارلارغا ئادۋوكات ئارقىلىق جياڭ زېمىننىڭ فالۈنگوڭ مۇرىتلىرى ئۇستىدىن ئېلىپ بارغان باستۇرۇش جىنايىتى ئۇستىدىن دەلىللىك ماتېرىيال تەييارلاشنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
ئامېرىكىدا " چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىغا تۆلەم قانۇنى" 1789 - يىلىلا ئېلان قىلىنغان
شۇندىن بۇيان چەتئەللەردىكى فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا، جياڭ زېمىن ھۆكۈمىتىنىڭ فالۈنگۇڭچىلارنى باستۇرغانلىق جىنايىتى ئۇستىدىن، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ قېتىم ئىسپانىيە دۆلەتلىك سوتىنىڭ جياڭ زېمىن قاتارلىقلارنى سوتقا چاقىرىش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىغا قارىتا ئۆز پىكرىنى ئىپادىلىگەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى فالۈنگۇڭچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ لىن ئەپەندى مۇنداق دېدى."بىزنىڭ ئەرزىمىز داۋام قىلىۋاتقىلى 2 يىل بولدى، بۇ بىزنىڭ دەسلەپكى غەلىبىمىز دېيىشكە بولىدۇ. بىز سوتقا ئەرز قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ھەم ئىلگىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن چوڭ ئەمەلدارلىرى، ئۇلار فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلغۇچى ئاساسى جىنايەتچىلەر.ھازىر سوتقا ئەرز سۇنغان كىشىلەر 15 نەپەر بولۇپ، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن."
نيۇيوركتىكى فوردھام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى فرانكىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئاللىقاچان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن قانۇنىي بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان بولۇپ، ئامېرىكىدا 1789 - يىلىلا، " چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىغا تۆلەم قانۇنى"،" قىيناق جازاسىغا ئۇچرىغانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش قانۇنى" قاتارلىق ئىككى قانۇن ماددىسى ماقۇللانغان ئىكەن. بۇ قانۇندا چەتئەللىكلەرنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدا ئۆز دۆلىتىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن ئەرز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ، ئۆز دۆلىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېلىپ بارغان كىشىلەر ئۈستىدىن ئەرز قىلغان ئىكەن.
جياڭ زېمىن قاتارلىقلارنىڭ سوتقا تارتىلىشى سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە
بۇ نۆۋەت چەتئەللەردىكى فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ جياڭ زېمىن قاتارلىقلار ئۇستىدىن قىلغان ئەرزىنىڭ ئىسپانىيە دۆلەت سوتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنى،كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى سىمۋول خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىماقتا.يۆنىلىش ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: " ئىسپانىيە دۆلەتلىك ئالىي سوتىنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشى خەلقئارادا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى، ئىنسانلارنىڭ نورمال كىشىلىك ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىپ، كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچى بىر قىسىم زوراۋان دۆلەت باشلىقلىرىغا بېرىلگەن سىگنال دېيىشكە بولىدۇ، شۇڭا ئىسپانىيە دۆلەتلىك ئالىي سوتىنىڭ جياڭ زېمىن قاتارلىقلارنى ئىنسانىيەتكە كەلتۈرگەن جىنايىتى بىلەن سوتقا تارتىشى سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. گەرچە جياڭ زېمىنغا ئوخشاش بىر قىسىم خىتاي زوراۋان ئەمەلدارلىرى ھازىرچە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوغدىلىپ، ئۇلار جازاغا تارتىلماي كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھامان خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچى تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ۋىجدان سوتىغا تارتىلىپ،خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىشى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بىر ئەھۋال. بۇ ھەم خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ خەلقئارادا قوغدىلىدىغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى."
ھازىر بېيجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىدىن تاڭ جىتيەن ئەپەندى 21 - نويابىر كۈنى،ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،" ئىسپانىيە دۆلەتلىك سوتىنىڭ بۇ قارارى سىمۋول خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. مەيلى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان سىياسەتنى يولغا قويغۇچىلار بولسۇن، ياكى بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغۇچىلار بولسۇن، ئۇلار شۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەككى، بۇنداق كىشىلەر گەرچە دۆلەت ئىچىدە ھازىرچە جازاغا تارتىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ جىنايىتى خەلقئارادا چوقۇم سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر بۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتەلمىدى، ئۇلار ھېلىھەم بولسىمۇ سەگەكلىك بىلەن ئۆز جىنايىتىنى تونۇشى كېرەك " دېگەن ئىدى.
ئۇيغۇر رايونى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىمۇ سوتقا چاقىرتىلغان ئىدى
ئىسپانىيە دۆلەتلىك سوتىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنى "ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى" دەپ سوتقا تارتىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس ئىدى. "بوستۇن يەر شارى گېزىتى"نىڭ بۇ يىل 5 - ئايدىكى بىر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 4 - ئايدا باش شتابى ئىسپانىيىنىڭ بارسېلونا شەھىرىگە جايلاشقان تىبەتنى قوللاش تەشكىلاتلىرىدىن "كاسا دېل تىبەت فوندى جەمئىيىتى" بىر قىسىم خىتاي رەھبەرلىرىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ، ئىسپانىيە دۆلەتلىك سوتقا ئەرز سۇنغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەرزى ئىسپانىيە ئالىي سوتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان.2009 - يىلى 5 - ئاپرېل كۈنى، ئىسپانىيە دۆلەتلىك ئالىي سوتىنىڭ سوتچىسى سانتىياگو پەدراز، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ليەن گۇاڭليې، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى، گېڭ خۇيچاڭ، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇ قاتارلىق ئۈچ مىنىستىر ۋە تىبەت رايونى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چىڭلى، ئۇيغۇر رايونى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن، خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى لى دېجۇ، لخاساغا جايلاشقان خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى قوماندانى تۇڭ گۈيشەن ۋە چېڭدۇ قوراللىق ساقچى قىسىم سىياسىي كومىسسارى جاڭ گۈيخۇا قاتارلىق 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى بۇ خۇسۇستا سوتقا چاقىرتقان ئىدى.