21-ماي كۈنى ئىسرائىلىيە مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ باش ھەربىي قوماندانى گېنېرال بېنني گانتىز بېيجىڭدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى چېن بىڭدې بىلەن ئۇچراشقان.
ئىسرائىلىيىنىڭ «مۇداپىئە خەۋەرلىرى» ئۇچۇر تورىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئىسرائىلىيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ 1996-يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بۇ نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ قوماندانلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئۆزگىرىشلىرى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىدىغان نۇقتىلىق دائىرىلەر ھەمدە نەنجىڭدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش قاتارلىق تۈرلۈك تېمىلار بويىچە سۆھبەتلەشكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە يۇقىرى ھەربىي قوماندانى بېنني گانتىزنىڭ خىتايغا قىلغان مەزكۇر تۇنجى زىيارىتى بىر يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلارنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە قوماندانى ۋۇ شىڭلى ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلغان. بىر ئايدىن كېيىن ئىسرائىلىيىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى ئەخۇد باراك بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇپ، مۇئاۋىن باش مىنىستىر لى كېچاڭ ۋە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشقان ئىدى. ئارقىدىنلا، ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا خىتاي باش شتاب باشلىقى چېن بىڭدې ئىسرائىلىيىدە زىيارەتتە بولغان.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنجامىن نېتانياخۇ ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دىپلوماتىك بېرىش-كېلىشلەرنىڭ قويۇقلىشىشى، بولۇپمۇ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن كۈچلەندۈرمەكچى بولۇشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىماقتا. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيىدىن ئالغان ھەربىي تېخنىكىسى ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئۆكتىچى ئاۋازلارنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىغا قاراتقان باستۇرۇشىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. چۈنكى، ئۆتكەن يىلىدىن بېرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قويۇقلىشىشى نەتىجىسىدە، ئىسرائىلىيە خىتاينىڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى تەربىيىلەپ بېرىدىغان بىر كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، ئىسرائىلىيىدە تەربىيىلىنىدىغان خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ئىچىدە ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى خىتاي ساقچى قوراللىق قىسىملىرىمۇ بار.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېلىشىمگە ئاساسەن 2011-يىلى دېكابىردا ئىسرائىلىيە قوراللىق چېگرا قىسىملىرى خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەتنى كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارنى تەربىيىلىگەن. خىتايدىن كەلگەن ھەي ‘ئەت ئىسرائىلىيىدە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىشتىكى يېڭىلىقلار، زور ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۆزىنى قوغداش، جەڭ قىلىش تېخنىكىلىرى بويىچە تەربىيە كۆرگەن.
ئىسرائىلىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشى، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيىنىڭ خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنى تەربىيىلەپ بېرىشى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە «خىتاي خەلق قوراللىق ساقچىلىرى ھەددىدىن زىيادە كۈچ ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بىر ئارمىيە. بولۇپمۇ، بۇ ئارمىيە ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا يۈز بەرگەن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنى قاتتىق باستۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننى قامال قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ كەلمەكتە» دەپ بايان قىلغان.
خەۋەردە يەنە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى نىكولاس بىكۇلىن سۆزىدە، خىتاي قوراللىق ساقچى كۈچلىرىنىڭ 2008-يىلى تىبەتتە يۈز بەرگەن نامايىشقا ئوخشاش نۇرغۇن نامايىشلاردا قولىدا قورالنىڭ سۇنۇقى بولمىغان نامايىشچى ئاممىغا قارشى بومبا ئىشلىتىش، يوقىتىۋېتىش، غايىب قىلىشقا ئوخشاش شەپقەتسىز باستۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىسرائىلىيىنىڭ خىتاي قىسىملىرىنى تەربىيىلىگەندە چوقۇم ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللانماسلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت مەزمۇنلارنىمۇ ئۆگىتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەمما گېزىتنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشىگە قارىتا پەيدا بولغان سەلبىي كۆز قاراشلارنى رەت قىلىپ: «بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىزنىڭ بارلىق دېتاللىرى ئوچۇق-ئاشكارا. يېقىندىن بۇيانقى ئالاقىلىرىمىزدىن ئامېرىكىنىڭ خەۋىرى بار. چۈنكى بىز ئامېرىكا بىلەن سەزگۈر تېمىلار ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان» دېگەن.
خىتاي بىلەن ئىسرائىلىيە 1992-يىلى دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ھەربىي تېخنىكا سودىسى قىلغان. 2000-يىلى ئامېرىكا خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ قورال كۈچى تەڭپۇڭلۇقىنى قوغداش مەقسىتىدە ئىسرائىلىيىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئىسرائىلىيىنىڭ خىتاينى كۆپ ئىقتىدارلىق رادار سىستېمىسى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىشىنى چەكلىگەن. كېيىن 2005-يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكا يەنە ئىسرائىلىيىنىڭ خىتايغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان دېتاللىرىنى سېتىپ بېرىشىنى توختاتقان ئىدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئىسرائىلىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىمۇ سۇسلىشىپ قالغان.
ئەمما «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوتتۇرا شەرقتە ئەرەب باھارى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ئىسرائىلىيىگە قايتىدىن قىزىقىشقا باشلىغان بولۇپ، ئىسرائىلىيىمۇ چوڭ دۆلەت بولغان خىتاينى يېنىغا تارتىشنى خالىغانلىقتىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتە يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولغان. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ ھەربىي تېخنىكىسىغا قىزىقسا، ئىسرائىلىيىنىڭ خىتايدەك چوڭ بازارغا ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى سىياسىي كۈچىگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.