ئىسراپخورلۇق ئەخلاقنىڭ دۈشمىنى

ئىسراپخورلۇق پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ لۇغىتىدە سۆكۈلىدىغان، ئاللاھ ياقتۇرمايدىغان، ئەخلاقلىق كىشىلەر يىرگىنىدىغان بىر خىل ناچار خۇلۇقتۇر.

0:00 / 0:00

بىر تال ناننىڭ قانچىلىك زور ئەمگەك بىلەن تەييارلانغانلىقىنى، تومۇزدا تونۇردەك لاۋۇلداپ تۇرغان پىجغىرىم ئاپتاپتا ئاچ - توق يۈرۈپ ئىشلەيدىغان مېھنەتكەش دېھقاننىڭ شۇ دانلارنى توپا ساماندىن ئايرىپ ئادالاپ چىقىدىغانلىقىنى ئېسىمىزگە ئالغىنىمىزدا، كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا ئىسراپ بولۇۋاتقان ئاش - نانغا بىئارام بولماي تۇرالمايمىز.

رېستورانلاردا كىشىلەر "سەندىن مەن قالارمەنمۇ" دېگەن بەسلىشىشتە مەنمەنچىلىك قىلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەددىدىن ئارتۇق بۇيرۇتۇپ ئۇنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئەخلەت ساندۇقىغا ئاتىدىغان ئەھۋاللارنى ئويلىغىنىمىزدا، بۇ ھەددىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىققا ئىچىمىز ئېچىشماي تۇرالمايمىز.

ئىسراپخورلۇق ئەخلاقسىزلىقتۇر

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم ئىسراپخورلۇقنىڭ يامان خۇلۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:" ئىسراپخورلۇق بىلەن ئەخلاقسىزلىق ئىككىسى قوشكېزەككە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ناچارلىقتۇر. چۈنكى ئەخلاقلىق كىشىلەر ئاش - ناننىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ۋە قانچىلىغان ئېغىر جاپالار بىلەن ھازىرلانغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە ئاش - ناننى ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇنى ئىسراپ قىلمايدۇ، ھاجىتىدىن ئاشقاننى ئېھتىياج ئىگىلىرىگە خەير - ساخاۋەت قىلىدۇ. ئەمما ئەخلاق - پەزىلەتتىن نېسىۋىسى بولمىغانلار ئاش - ناننى خارلايدۇ، ئۇنى ئىسراپ قىلىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلايدۇ.

ئەخلاقسىز ئادەم ياۋا مېۋىلىك دەرەخكە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ مېۋىسى تۆكۈلگەندە كىشىلەر قاڭسىق ھەم ئاچچىقكەن، دەپ ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنگەندەك، ئەخلاقسىز ئادەمنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىدىن كىشىلەر سەسكىنىپ قاچىدۇ. ئەخلاقلىق ئادەم ئېتىبارلىق مېۋىلىك دەرەخكە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ مېۋىسى تۆكۈلگەندە كىشىلەر لەززەتلەنگەندەك، ئەخلاقلىق ئادەمنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ. بىزدە " ھايالىق كىشى باھالىق كىشى، ھايا بار يەردە ۋاپا بار"دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆزلەر بار. ھايالىق ئادەم يامان ئىشلاردىن ۋە ناچار خۇلۇقلاردىن يىراق تۇرىدۇ. گۈزەل ئىشلارنى قىلىدۇ. ئىسراپخورلۇق قىلمايدۇ. قۇرئان كەرىمدە:" يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن."

ئىقتىسادچىللىق كەمبەغەللىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئىقتىسادچىللىق كەمبەغەل بولۇپ قالماسلىقنىڭ كاپالىتىدۇر. بۇزۇپ چېچىش ۋە ئىسراپ قىلىش بولسا، كەمبەغەللىكنىڭ باشلانغۇچىدۇر. ئىسراپخورلار چوقۇم بىر كۈنى ئۇنىڭ دەردىنى تارتماي قالمايدۇ. تارىخ ۋە تەجرىبىلەرمۇ بۇنى ئىسپاتلىماقتا. شۇڭا بىر ھەدىستە:" ئىقتىسادچىل بىلەن ئىش كۆرگەن ئادەم كەمبەغەللىشىپ قالمايدۇ"دەپ كەلگەن.

ئىجتىمائىي ئەخلاق بۇزۇلۇپ، بېيىغان بەزى كىشىلەر مېھماندارچىلىقنى ئىسراپخورلۇق بىلەن بۇلغىماقتا. بەزىلەر ھالىغا باقماي ئۇلارنى دوراپ، ھەتتا قەرزگە كىرىپ تۇرۇپ ئىسراپخورلۇق جامىدا مەي ئىچىپ، ئاخىر پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا يوق، زىيان ئازابىدا پۇچۇلىنىپ يۈرمەكتە. كىيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراق ۋە ھەر قانداق ئىشتا ئىقتىسادچىل بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش كېرەك. ھەتتا ئائىلىلەردە تاماق ئەتكەندىمۇ خۇرۇچلارنى تەڭشەپ، ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىش لازىم.

تويلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشىمۇ ئىسراپخورلۇقتۇر

مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر تۈگىمەيۋاتقان ئېغىر بىر ئىسراپخورلۇق شۇكى، تويلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن يىگىتلەر پەرزىنى ۋاقتىدا ئادا قىلالماي ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. بەزىلىرى تۈرلۈك يامان يوللارغا كىرىپ كەتمەكتە.

خېلى ئوقۇمۇشلۇق ئاتا - ئانىلارمۇ دورامچىلىق يولى بىلەن تويلۇقنى ئاز كۆرگەنلىكتىن قىزلار ئولتۇرۇپ قالماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەنمەنچىلىكنىڭ ھورىغا جىمىقىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئۆزلىرىنىڭ ئابرويپەرەسلىك نەپسانىيىتى بەدىلىگە قۇربان قىلىۋەتكەنلىكنىڭ نەتىجىسىدۇر. بىر ھەدىستە:" نىكاھنىڭ ئەڭ بەرىكەتلىكى ئۇ نىكاھنىڭ چىقىم جەھەتتە ئەڭ ئاز بولغىنىدۇر،" دەپ كەلگەن.