شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە روزا ھېيتنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن روزا ھېيت، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بۇ ھېيت بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىمەكتە، جۈملىدىن تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ روزا ھېيتنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

0:00 / 0:00

روزا ھېيتى مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىغان ئەنئەنىۋى بايرىمى. بۇ بايرامدا مۇسۇلمانلار بىر بىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ. ئۆز ئارا زىيارەت قىلىشىپ دوستلۇقنى كۈچەيتىدۇ، ئۆچ ‏ - ئاداۋەتنى يۇيۇۋېتىپ، ئىناق ‏ - ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەيدۇ. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ بۇ بايرامنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ. ئۆزارا بىر بىرىنى زىيارەت قىلىدۇ، ئاۋۋال كىچىكلەر چوڭلارنى زىيارەت قىلىدۇ. بايرامدا كىچىكلەرگە سوۋغات تەقدىم قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر رايونىنىڭ قەشقەر قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرى بايرامنى تەبرىكلەپ ناغرا ‏ - سۇنايغا تەڭكەش قىلىپ ساماغا چۈشىدۇ.

2008 ‏ - يىلى 30 ‏ - سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە يىغىلىپ روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 250 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى. مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان رىياسەتچىلىك قىلدى.

مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتۇر ئاتاۋۇللا شەھيارى سۆز قىلىپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

مۇراسىمدا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابلىكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ پۈتكۈل ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ جۈملىدىن مۇراسىم ئىشتىراكچىلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى. مۇراسىمدا يەنە ياش قەلەمكەش مىركامىل قەشقەرى ئۆزى يازغان ئاخىرەت تەسەۋۋۇرى دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

مۇراسىمغا قاتناشقان پۈتكۈل ئۇيغۇرلار ئۆز ئارا سالاملىشىپ بىر بىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە بىر بىرىگە تىنچ ئامان ۋە خاتىرجەملىك تىلەشتى. مۇراسىم ئاخىرىدا تاماق زىياپىتى بېرىلدى. زىياپەتتىن كېيىن مۇراسىم ھاياجانلىق ئىچىدە ئاخىرلاشتى.