تۈركىستانبۇل يەنى تۈركىستان - ئىستانبۇلنى مەقسەت قىلىنغان پروگرامما بولۇپ، بۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلغان ئىش - پائالىيەتلەر تونۇشتۇرۇلغاندىن سىرت، تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، تۈركىيە - قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرى، قازاقىستان - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا تەتقىقاتچى ئالىملار، دوكتۇر، پروفېسسورلار ۋە جەمئىيەت باشلىقلىرى بىلەن پىكىر - مۇلاھىزە قىلىنىپ نەق مەيداندىن سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق تارقىتىلىپ كەلمەكتە.
بۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىغا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتور ئەھمەت تۈركوز ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلىپ كەلمەكتە. بۇ قېتىمقى تۈركىستانبۇل تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا ئىستانبۇل شەھرى زەيتۇنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئىلياس ساكا ئەپەندى ئىشتىراك قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە بىر قانچە تۈردە توختالدى. ھەمدە تۈركىستانبۇل تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى دوكتور ئەخمەت تۈركوز ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا تەپسىلى جاۋاب بەردى.
ھۆرمەتلىك ئىلياس ساكا ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بېرەمسىز؟
بولىدۇ، مېنىڭ ئاتا - ئانام بىر گۇرۇپ كىشىلەر بىلەن 1953 - يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن. مەن 1962 - يىلى مانىسادا تۇغۇلدۇم. 1967 - يىلدىن بىرى ئىستانبۇل شەھرىنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدا ياشاۋاتىمەن. مېنىڭ 3 پەرزەنتىم بار. مېنىڭ مىللىتىم قازاق مىللىتىدىن باشقىلار مېنىڭ يۇرتۇمنى سورىسا ھەر قاچان ئۆزۈمنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ جاۋاب بېرىمەن. چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلارغا بىزنىڭ ۋاپادارلىق مەجبۇرىيىتىمىز بار. شەرقىي تۈركىستان بىر جۇغراپىيىنىڭ ئىسمى، ئۇ بىر تۈرك يۇرتىنىڭ ئىسمىدۇر ۋە ئۇنتۇلغان ھەمدە كۆرمەسكە سېلىنغان بىر ئورۇننىڭ ئىسمىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىسىم دۇنياغا تونۇشتۇرۇلۇشى لازىم. بۇ ئىسىم مەيلى شەخسىيىتىمىز ئۈچۈن بولسۇن ياكى ئەجدادىم ئۈچۈن بولسۇن مەيلى ئىنسانىيەت ئۈچۈن بولسۇن تونۇشتۇرۇلۇشى لازىم. چۈنكى ئىنسانلار ناھايىتى شەرەپلىك يارىتىلغان. ئىسمى نېمە بولۇشتىن قەتئىي نەزەر. ئېتىقادى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر ھەر قانداق ئىنسان ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر.
ھۆرمەتلىك ئىلياس ئەپەندى سىز 1999- دىن 2004 - يىللار ئارىسى زەيتۇنبۇرنۇ رايونىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلغان دەۋىردە تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار قانداق پائالىيەتلەرنى قىلدىڭىز؟
مەن 1999- دىن 2004 - يىللار ئارىسى زەيتۇنبۇرنۇ رايونىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلدىم. ئەمما تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار قىلغان ئىش - پائالىيەتلەرنى ھاياتىمىزنىڭ بىر مەنىسى دەپ بىلدىم. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ خىزمەت ۋەزىپەم بىلەن ئالاقىسى يوق. پائالىيەتلىرىمنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىملىرى، قازاقىستانغا بىر قانچە قېتىم بېرىپ ئۇ يەردىكى بەزى شەخسلەر بىلەن تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار مۇھىم تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇردۇم. ئۇ يەردىن تۈركىيىگە كەلگەن مۇھىم شەخسلەر بىلەن سۆھبەتلەشتىم. قازاقىستان سەنئەت ئۆمىكىنى زەيتىنبۇرنىغا تەكلىپ قىلىپ ئۇچۇق مەيداندا ھەقسىز ئويۇن قويۇلدى مەقسەت قازاق مەدەنىيىتىنى تۈركىيىگە تونۇتۇش ئىدى. زەيتىنبۇرنۇدا ئاباي قۇلانبايئوغلى نامىدا بىر مەكتەپ ئاچتۇق، بۇنىڭغا تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى ياردەم قىلدى. مەكتەپنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قازاقىستان رەئىسى نۇرسۇلتان نەزەربايىف ۋە تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرلىرى قاتناشتى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2001 - يىلدىن باشلاپ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردۇق. نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت يىغىن زالىدا ئۆتكۈزدۇق. بۇ پائالىيەت 6 سائەت داۋام قىلدى. ئۇ ۋاقىتتا ئىستانبۇل شەھرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسىمۇ قاتناشقان ئىدى. بۇ تۈركىيىدە تۈنجى قېتىم نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئىدى. زال بايرام ئىشتىراكچىلىرى بىلەن لىق تولغان ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر تۈنجى قېتىم نورۇز بايرىمىنىڭ تۈرك بايرىمى ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئوخشىمىغان ئىنسانلار كېلىپ كۆردى. تۈركىيىدە نورۇز بايرىمى دىسە ئۇ پەقەت تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭلا بايرىمى دەپ بىلەتتى. ئەمما بىز بۇ بايرامنى تەبرىكلەپ ئۇيۇشتۇرغان پائالىيىتىمىزدىن كېيىن كىشىلەر، بۇ بايرامنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكازىيە ۋە ئىران قاتارلىق كەڭ تۈردىكى بىر جۇغراپىيىدە ئورتاق تەبرىكلەيدىغان تۈركىي سىستېمىدىكى مىللەتلەرنىڭ بىر بايرام ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نورۇز بايرىمىنى قىزغىن قۇتلايدىغان ئادەت شەكىللەندى. بۇ نورۇز يەنى يېڭى كۈن مەنىسىنى ئىپادىلىگەن بايرامنىڭ بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدە مەۋجۇت بولغان بىر بايرام ئىكەنلىكىنى كىشىلەر بىلدى. دېمەك تۈرك دۇنياسى مەدەنىيىتى ساھەسىدە زەيتۇنبۇرنۇ بىر مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندى.
ھۆرمەتلىك ئىلياس ساكا ئەپەندى زەيتۇنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىشلەنگەن "سۈرگۈن ۋە ئۆلۈم" دېگەن ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ 7 - قىسمى يەنى شەرقىي تۈركىستان قىسمى نېمە ئۈچۈن نەشىر قىلىنمىدى؟
زەيتۇنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن "سۈرگۈن ۋە ئۆلۈم" دېگەن ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەندى بۇ فىلىمنىڭ 7 - قىسمىدا شەرقىي تۈركىستاندىن سۈرگۈن بولغان كىشىلەرنىڭ تۈركىيىگە كېلىش جەرياندا قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كەلگەنلىكى ئىپادىلەنگەن بىر فىلىم. بۇ فىلىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان قىسمىدا: "شەرقىي تۈركىستاندا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتقان بىر مىللەت بار. تۈرك خەلقى بار. ئۇ يەردە ئازادلىققا ئىنتىلىدىغان كىشىلەر بار. ئۇ يەردىكى كىشىلەر ھۆرلۈككە لايىق. ئۇ كىشىلەر چوقۇم ئازات بولىشى لازىم،" دېگەندەك ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاچقا نەشىر قىلىشتا خىتاي بىلەن بىر دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتتە سۈركۈلۈش كۆرۈلدى شۇ سەۋەبتىن ئۇ فىلىم نەشىر قىلىنمىدى ئەمما تۈركىيىنىڭ قانال 7 تېلېۋىزىيىسىدە بىر قېتىم تارقىتىلدى.
مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە خىتاي ۋە رۇسىيىگە قاتتىق قارشى ئىدىم. كېيىنچە چوڭ بولغاندىن كېيىن پىكرىم ئالماشتى. بىز تارىختا خىتايلار بىلەن بىر قانچە قېتىم ئۇرۇش قىلدۇق. مەن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا سۆز قىلسام. خىتاي يوقالسۇن دېمەيمەن. خىتايلارنى ئەسىر ئالايلى دېمەيمەن. خىتاينى ئىشغال قىلايلى دېمەيمەن. مەن خىتاينى ئەسەر ئېلىشنى خالىمايمەن. خىتاينىڭ خار - رەزىل بولۇشىنىمۇ خالىمايمەن، ئۇلارمۇ خۇشال ياشىسۇن. ئەمما مېنىڭ قانداش مىللىتىمنىڭ دۆلەت قۇرالايدىغان. ھۆر ئەركىن ياشىيالايدىغان ھەققىنى خىتايلارمۇ ئېتىراپ قىلىشى لازىم.
مېنىڭ قىلغانلىرىمنى خىتايلار قوبۇل قىلسا ئاندىن مەنمۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوبۇل قىلىمەن. مەن بىر شەخس بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز خەلقىمنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىم بار. بىر مىللەت ئاسسىمىلاتسىيە قىلىنىۋاتسا. زۇلۇمغا ئۇچراۋاتسا ئۇنىڭ ھەققىنى قوغداش مېنىڭ ئىنسانىي مەجبۇرىيىتىمدۇر. بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى چوقۇم خالايمىز. دۇنيا ئەركىنلىكى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولۇش لازىم.