شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، مىللى ئۆرپ ئادەت - مەدەنىيەتلىرىگە ساھىپ چىقىش، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە مىللى كىملىكىنى كىچىكىدىنلا تونۇتۇش مەقسىتىدە ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆي رايونلىرىدا "ئۇيغۇر ئانا تىلى يەسلىسى" ئاچقان ئىدى.
سەفاكۆي رايونىدا 2007 - يىلى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ، زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا 2008 - يىلى 1- ئاينىڭ 10 - كۈنى دەرس باشلانغان ئىدى. بۇ ئىككى ئورۇندىكى يەسلىنىڭ ھەر بىرىدە 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدىن 30 دىن جەمئىي 60 نەپەر ئۆسمۈرلىرى دەرس ئوقۇماقتا. يەسلىدە ھەپتىدە 5 كۈن ھەر كۈنى 5 سائەت دەرس ئۆتۈلىدىكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشلۈك تامىقىمۇ يەسلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، دەرس ئاخىرلاشقاندا ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا - ئانىلىرى يەسلىگە كېلىپ بالىلىرىنى ئۆزلىرى ئېلىپ كېتىدىكەن.
بىز بۇ يەسلىلەر ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ يەسلىلەرنى زىيارەت قىلدۇق . زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆسمۈرلەرنىڭ دەرس ئوقۇش ئەھۋالى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى.
0:00 / 0:00