ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار 2012-يىللىق روزا ھېيتىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

روزا ھېيت مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان بايرىمى، بۇ بايرامدا مۇسۇلمانلار ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى تەبرىكلەيدۇ، دوستلۇق ئىزھار قىلىشىدۇ، قېرىنداشلىق رىشتىنى كۈچەيتىدۇ.

0:00 / 0:00

بايلار كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ بۇ بايرامدا بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بايرامنى تەبرىكلەيدۇ ياكى جەم بولۇپ بايرام پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ ھېيتنى خۇشال ئۆتكۈزىدۇ.

2012-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى دۈشەنبە يەنى روزا ھېيتنىڭ 2‏-كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ روزا ھېيت بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

«شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» نىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان باشقا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت قورۇسى ئىچىدىكى ئاق دېڭىز يىغىن زالىدا روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ بايرامغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال ھەم بالىلار بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت بايرىمى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 2--ئاۋغۇست، ئىستانبۇل.
ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت بايرىمى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 2--ئاۋغۇست، ئىستانبۇل. (RFA/Arslan)

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەمەت ئەيسا ھاجىم، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇت بايقال، شەرقىي تۈركىستان مېھرى-شەپقەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى يۈسۈپ يۈسۈپئوغلى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەپتىش مەسئۇلى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلدى ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت بايرىمى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 2--ئاۋغۇست، ئىستانبۇل.
ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت بايرىمى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 2--ئاۋغۇست، ئىستانبۇل. (RFA/Arslan)

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي ۋە ئاقساراي قاتارلىق 3 ئورۇندا تەسىس قىلىنغان قۇرئان كۇرسى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان 120 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپ-گۇرۇپ ھالدا نۆۋەت بىلەن سەھنىگە چىقىپ، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى، «بىز نېمە ئۆگەندۇق؟ قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇنتۇمايلى» دېگەنگە ئوخشاش ئويۇن كۆرسەتتى. ئوقۇغۇچىلار يەنە «ساۋاتسىزلىقنىڭ ئاقىۋىتى» دېگەن تېمىدا تىياتىر كۆرسەتتى ۋە يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

مۇراسىم ئاخىرىدا يازلىق تەتىل سىنىپلىرىدا ئوقۇغان 120 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە بىر تالدىن قول سائىتى مۇكاپات بېرىلدى.

كېيىن تاماق زىياپىتى بېرىلدى ۋە مۇراسىم قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.