شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات مەسئۇللىرى ئىستانبۇل مۇئاۋىن ۋالىيسى بىلەن ئىپتار زىياپىتىدە ئۇچراشتى

2010 ‏- يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان ئۆز تۈركىستان رېستوراندا ئىپتار زىياپىتى بېرىلدى. ئۆز تۈركىستان رېستورانىنىڭ خوجايىنى مەھمەت دۈنمەس ئەپەندى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ ئىپتار زىياپىتىگە تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010.09.03
Istanbul-Iftar-Oz-Turkistan-restorani-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 9 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻨﯩﯔ ﺯﻩﻳﺘﯩﻨﺒﯘﺭﻧﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﺪﺍ، ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻰ ﻣﻪﻫﻤﻪﺕ ﺩﯛﻧﻤﻪﺱ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﭙﺘﺎﺭ ﺯﯨﻴﺎﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺳﯜﺭﻩﺕ.
RFA Photo / Arslan

ئىپتاردىن كېيىن ئۆز تۈركىستان رېستورانىدا بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئىستانبۇل مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇستاپا ئالتۇنتاش، پارلامېنت ئەزاسى نىجات بىرىنجى، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن، مۇئاۋىن باشلىقى ئىلياس ساكا قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر قاتناشتى. يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىيىت تۈمتۈرك، پارلامېنت ئەزاسى نىجات بىرىنجى، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن ئەپەندىلەر سۆز قىلدى.

زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "دېموكراتىيە بار يەردە ھۆرلۈك بولىدۇ، ھۆرلۈك بار يەردە گۈزەللىك، خۇشاللىق ۋە ھۇزۇر بولىدۇ، بايلىق بولىدۇ، يېقىندا خەلقىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىز، ئۈچىنچى سىنىپ دېموكراتىيىدىن ئىككىنچى سىنىپ دېموكراتىيىگە ئۆتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىرىنچى سىنىپ دېموكراتىيىگە ئۆتۈش ئۈچۈن قايتىدىن بىر مۇجادىلە قىلىمىز. زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ دۇئاسى قوبۇل بولىدۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا تېلېفۇن قىلىپ، ئۇلاردىن تۈركىيە ئۈچۈن، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى سىلەردىن سورايمەن. بۇ يەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى ھېس ‏- تۇيغۇلىرىنى مەن ياخشى بىلىمەن، بۇ ھېس - تۇيغۇنىڭ تۈركىيە سىرتىغا كېڭىيىشى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشى ئىنتايىن مۇھىم. كۈچلۈك، دېموكراتىك ۋە باي بىر تۈركىيە بولسا مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ ئاۋازى ۋە ھەر نەرسىسى بولالايدۇ. مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھەممىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، خۇسۇسەن زۇلۇم ئاستىدا قالغان مىللەتلەر ئۈچۈن، مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم."

يىغىندا يەنە، پارلامېنت ئەزاسى نىجات بىرىنچى ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "مەن 12 ياش ۋاقتىمدا ئالتايلاردىن ئاناتولىيىگە بۈيۈك كۆچۈش دېگەن كىتابنى ئوقۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى بىلگەن، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى بىلگەن ئىدىم. مەن بۇ يەردە ھاياجانلانمىدىم دېسەم يالغان بولىدۇ. تۈركىيە، دۇنيا تۈركلىرى داۋاملىق سېغىنغان، ئۇلارنى كۆزلىگەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغان، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى ئۈچۈن ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن بىرلىكتە بولغان بىر دۆلەت. ئەمما تۈركىيە ئۆزى بۇنى بىلمىدى، بىر شەرقىي تۈركىستانلىقتىن، بىر قىرغىزدىن ياكى بىر بالقان تۈركىدىن، تۈركىيىنىڭ قانداق دۆلەت ئىكەنلىكىنى سورىسىڭىز، سىزگە چۈشەندۈرىدۇ. ئەمما، بۇنى بىز بىلمەي كېلىۋاتىمىز. ھەممىمىز بىرلىكتە بۈيۈك تۈركىيە ۋە بۈيۈك بىر تۈرك دۇنياسىنى يېڭىدىن بىرلىكتە قۇرايلى!"

يىغىن جەريانىدا يەنە، ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ۋە نۆۋەتتىكى تۈركىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى سايلامغا ئالاقىدار ئۆز ‏- ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.