ئاياسوفىيا مۇزېيخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ساقچى باشلىقىدىن تۇتۇلغان قېرىنداشلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ۋە ئۇلار قويۇپ بېرىلمىگىچە تارقاپ كەتمەيدىغانلىقى ھەم پۈتكۈل ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاياسوفىيا مەيدانىدا نامايىش قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: "ھېچ قانداق ئۇيغۇر قېرىنداش بۇ يەردە قانۇنسىز ئىش قىلمىدى. پۈتۈنلەي دېموكراتىيە ھوقۇقىمىزنى قوللانغان بولساقمۇ، بۈگۈن 8 نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز قاراكۆي ساقچىخانا تەرىپىدىن تۇتۇلدى. ئۇلارنىڭ ھېچ قانداق جىنايىتى يوق. بۇلار نېمە ئۈچۈن تۇتۇلدى؟. بۇلار تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى. بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى ساقچىلاردىن تەلەپ قىلىمىز."
نەتىجىدە ساقچىلار ئۇلارنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىپ، ئۇلارنى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن قويۇپ بەرگەن ۋە ساقچىلار ئۇلارنى، نامايىش قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان ئورۇندىن باشقا بىر يەردە نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
بىز بۇ نامايىشتا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلاردىن، ئابلەت ھاجىم، سابىر داموللام ۋە مۇھەممەد يۈسۈپ قاتارلىق ياشلار بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.