بۇ يىل ۋە ئۆتكەن بىر قانچە يىل ئىچىدە تۈركىيىدە ئوقۇپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن 50 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تەقدىم قىلىندى. ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا دوكتۇر ۋە ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانى ئالغان ئوقۇغۇچىلارمۇ مۇكاپاتلاندى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى، دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال مۇھەممەد رىزا بېكىن ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پروفېسسور دوكتۇر سولتان مەھمۇت قەشقەرلى سۆز قىلدى، مۇراسىمدا تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى نۆۋەت بىلەن سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىلەرگە قوبۇل بولۇشى ۋە ئۇلارغا ئوقۇش شارائىتى ھازىرلاش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى، دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال مۇھەممەد رىزا بېكىن ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: " ھۆرمەتلىك ھەمشەھەرلەر، ئەزىز مېھمانلار، سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلار، بىز بۈگۈن بۇ يەرگە تۈركىيىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلەش ۋە ئۇلارغا ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننى ئەسلىتىش مەقسىتىدە توپلاندۇق.
ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق تۈرك دۇنياسى قېرىنداشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومى بېرىلدى. ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى 1986 - يىلى 22 - ئىيۇن قۇرۇلدى. ۋەخپىمىز، 1987 - يىلى ئىيۇن ئېيىدىن باشلاپ تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتماقتا. 1987 - يىلدىن ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيىدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 622 گە يەتتى. بۇلارنىڭ كۆپ سانلىقى ئوقۇش پۈتتۈردى. بەزىلىرى ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالدى. بىزنىڭ ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ھازىر ئامېرىكا، كانادا ھەتتا خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردە خىزمەت قىلماقتا. بىزنىڭ يېتىشتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرىمىز ناھايىتى ئەتراپلىق تەربىيىلەنگەن ئوقۇغۇچىلاردۇر. بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز باشقا ئوقۇغۇچىلاردىن پەرقلىقتۇر. ئۇلارنىڭ پەرقى شۇكى، سىز ئۇلاردىن، سىز كىم؟ دەپ سورىسىڭىز، مەن شەرقىي تۈركىستانلىق دەيدۇ.
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندى. بىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا بۇ يەردە بىزنىڭ بۈيۈكلىرىمىزنى تونۇتىمىز. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن كىم؟ مەمەتئىمىن بۇغرا كىم؟ ئوسمان باتۇر كىم؟ مەسئۇد سابىرى بايقۇزى كىمدۇر؟ ئۇلارنىڭ ھاياتتىكى پائالىيەتلىرىنى ئوقۇتىمىز. شەرقىي تۈركىستان نەدىدۇر؟ دېگەندەك تەلىماتلارنى ئۆگىتىمىز. بىزنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدە تەلىم ئالغان ئوقۇغۇچىلار ياخشى يېتىشتۈرىلىدۇ. بىزنىڭ ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئارىسىدا ئالىمجان ئىنايەتكە ئوخشاش دوكتۇر، پروفېسسورلارمۇ يېتىشىپ چىقتى. بىز بۇ ئوقۇغۇچىلارغا تەشەككۈر ئېيتىمىز شۇنداقلا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز."