ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 12 - نۆۋەتلىك خەلقئارا تىجارەت يەرمەنكىسىگە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ قاتناشتى

2008‏ - يىلى 23‏ - ئۆكتەبىردىن 26‏ - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنىگىچە تۈركىيە مۇستەقىل كارخانىچىلار ۋە كەسپىي تىجارەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل دۇنيا تىجارەت مەركىزىدە 12 ‏ - نۆۋەتلىك خەلقئارا تىجارەت يەرمەنكىسى ئېچىلدى.

0:00 / 0:00

يەرمەنكىگە 61 دۆلەتتىن 2000 دىن ئارتۇق ئىقتىسادشۇناسلار، كەسپى تىجارەتچىلەر قېتىلدى. مەزكۈر يەرمەنكىنى ئويۇشتۇرغان "تۈركىيە مۇستەقىل كارخانىچىلار ۋە كەسپىي تىجارەتچىلەر جەمئىيىتى" نىڭ 500 گە يېقىن شىركەت ‏ - كارخانا ئەزالىرى بولۇپ، ئۇلار ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم خەلقئارالىق تىجارەت يەرمەنكىسى ئېچىپ كەلمەكتە، بۇ يىلقى يەرمەنكە ئىستانبۇل دۇنيا تىجارەت مەركىزىدە ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يەرمەنكىگە يەرلىك ۋە چەتئەللىك نۇرغۇن كىشى قاتناشتى. يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى كۇرشاد تۇزمان ئېچىلىش لىنتىسىنى كەستى.

بۇ يەرمەنكىگە 74 چەتئەل شىركەتلىرى ۋە مەزكۈر جەمئىيەتكە ئەزا 408 شىركەت ‏ - كارخانا ئۆزىنىڭ تاۋار ماللىرى بىلەن قاتناشتى. بۇ يەرمەنكىگە دېڭىز فەنەرى، ئى ھا ھا ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ۋەخپى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەرمۇ قاتناشقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ بۇ يەرمەنكىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

بۇ يەرمەنكىگە ئەلجەزىرە قاتارلىق كۆپلىگەن ئاخبارات ئىدارىلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بۇ يەرمەنكىدە يەرلىك ۋە چەتئەللىك كارخانىچىلار بىلەن تونۇشۇپ پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تەييارلىغان تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقاتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە،يەرمەنكىگە قاتناشقان ۋاقىت گېزىتى، مىللى گېزىتى، يېڭى چاغ گېزىتى، تايىم تۈرك تورى، دۇنيا بۇلتەنى تورى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر ۋە ماقالە ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان گېزىتلەرنىڭ مەسئۇللىرىغا تەشەككۈر ئېيتتى ھەمدە ئۇيغۇرلاردىن كۆپلەپ تونۇشتۇرۇشنى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە يېزىلغان خەۋەر، ماقالىلارنى داۋاملىق كۆپلەپ نەشر قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.