ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەلىم-تەربىيە بۆلۈمىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ۋە سافا رايونلىرىدىكى شۆبىلىرىدە ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرى ئېچىلدى ۋە 4-ئىيۇل كۈنى رەسمىي دەرس باشلاندى.
ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر تىلىنى يېزىش، ئوقۇش، سۆزلىشىش، قۇرئان كەرىم ئوقۇش، دىنى تەلىم-تەربىيە ۋە ئەخلاق دەرسلىرى ئۆگىتىلىدىكەن.

ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرىنىڭ مەسئۇلى مۆمىنجان ئۇيغۇر تىلى سىنىپى ئېچىشتىكى ئاساسىي مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر تىلى سىنىپى ئېچىشتىكى مەقسەت، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيدىغان ئۇيغۇر تىلىدا خەت ئالاقە قىلالايدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزۈش شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كىتابلارنى ئوقۇپ ئۇنىڭدىن بىلىمدار بولۇپ، كەلگۈسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، ئۆزىنىڭ تىلىغا ئىگە چىقىدىغان ئۆزىنىڭ تىلىنى قوغدايدىغان، دىنى، مىللىي، تارىخى كىملىكىنى ۋە ئۆرۈپ- ئادەتلەرنى قوغدايدىغان بىر ئاڭ سەۋىيىدە يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىمىز.
مۇمىنجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ھازىر زەيتىنبۇرنۇدا ئېچىلغان ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرىدا سەۋىيە بويىچە ئىككى سىنىپ ئېچىلغان بولۇپ بۇ سىنىپلاردا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن ئوغۇل -قىز بولۇپ جەمئىي 40 ئوقۇغۇچى دەرس ئوقۇيدىكەن بۇ سىنىپلاردا ئەر-ئايال بولۇپ 4 ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆگىتىدىكەن. سافاكۆيدىكى ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرىدا ھازىر جەمئىي 50 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى دەرس ئوقۇيدىغان بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارغا 3 ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆگىتىدىكەن. ئوغۇللار بىلەن قىزلارغا ئايرىم-ئايرىم سىنىپ ئېچىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرىدا ھەر كۈنى قىزلارغا 3 سائەت ئوغۇللارغا 3 سائەت جەمئىي 6 سائەت دەرس ئۆتۈلىدىكەن. ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرستىن سىرت يەنە تەنتەربىيە ئويۇنلىرى ئوينىتىش، ساياھەت رايونلىرى ۋە موزىخانىلارنى زىيارەت قىلدۇرۇش دېگەنگە ئوخشاش پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلغان.
بىز بۇ ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرىنىڭ مەسئۇلى مۆمىنجان ۋە ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.