تۈركىيە ئىلىم ۋە ئەدەبىيات ئەسىرى كەسپى يازغۇچىلار بىرلىكى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېچىلغان بۇ يىغىنغا شۇ شۆبىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى، يازغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغان تەتقىقاتچىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
يىغىندا تۈركىيە ئىلىم ۋە ئەدەبىيات ئەسىرى كەسپى يازغۇچىلار بىرلىكى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ باشلىقى جافەر ۋاينى ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك، ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن تارىخىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە 1995-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ھايات-ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلاتتى.

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ سابىق باشلىقى ئىسمائىل چىنگىز سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، ئىجتىمائىي سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا مەلۇمات بەردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، دىن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەتلىرىنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقىنى، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، ئاتوم بومبا سىناقلىرى، كۆچمەن يۆتكەش، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى يۆتكەش سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يىغىندا يەنە ئىسمائىل چىنگىز ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيە جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيە جەھەتتىن قارىغاندا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ، خىتاينىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە غەربكە يۈزلىنىدىغان بىردىن بىر چىقىش يولى شەرقىي تۈركىستان. بىزگە نىسبەتەن شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېگراسى ھېسابلىنىدۇ، تۈركلەرنىڭ تۇنجى ئاتا ماكانى ۋە ئوخشاشلا بۈگۈنكى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئادرىياتىكتىن سەددىچىن سېپىلىغىچە بولغان تۈرك دۇنياسى جۇغراپىيىسىنىڭ شەرق تەرەپتىكى ئاخىرقى چېگراسى بولغان شەرقىي تۈركىستان خىتايغا نىسبەتەن ھىندىستان ۋە تىبەت ئوتتۇرىسىدىكى قوغدىنىش رايونى ھېسابلىنىدۇ.»
ئىسمائىل چىنگىز ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىقتىسادىي جەھەتتىن قارايدىغان بولساق شەرقىي تۈركىستان ئىقتىسادىي جەھەتتە نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، ئالتۇن، ئۇران، ئاتوم بومبا ياساشتا قوللىنىدىغان ۋولفرام قاتارلىق قىممەتلىك ماددىلارنىڭ ھەر تۈرى بۇ تۇپراقلاردا مەۋجۇت. خىتايدا كەشىپ قىلىنغان 178 قىممەتلىك ماددىنىڭ 138 تۈرى شەرقىي تۈركىستاندا تېپىلىدىغانلىقىنى خىتايلار ئۆزلىرى سۆزلەۋاتىدۇ. بۇ رايونغا خىتاي، ئامېرىكا، رۇسىيە، ھىندىستان ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئەھمىيەت بېرىدۇ.»
بىز يىغىن ئاخىرىدا بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈركىيە ئىلىم ۋە ئەدەبىيات ئەسىرى كەسپى يازغۇچىلار بىرلىكى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ باشلىقى جافەر ۋاينى ئەپەندى بىلەن بۇ يىغىن ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
جافەر ۋاينى ئەپەندى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىمىزدىن بىرى دەپ قارىغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ قېتىمقى يىغىننى شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ئۇيۇشتۇردۇق، ماڭا نىسبەتەن تۈركمەنلەر ياكى قىرىم تۈركلىرىنىڭ مەسىلىسىگە سېلىشتۇرغاندا شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم مەسىلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تۈركىيە ئىلىم ۋە ئەدەبىيات ئەسىرى كەسپى يازغۇچىلار بىرلىكى بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇردۇق»
يىغىن ئاخىرىدا ئىسمائىل چىنگىز ئەپەندى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
بىز يەنە بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.