ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش

29 ‏ - ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىشىگە قارشى شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاقسۇنىڭ كەلپىن ناھىيىسى يورچى يېزىسىدا بىر مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىگە غەزەپ ‏ - نەپرىتى ۋە نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

نامايىشنى تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.

نامايىشقا ئەنقەرە، ئىستانبۇل، قەيسەرى شەھىرىدىن كەلگەن 400 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، نامايىشقا ئۆسمۈر‏ - بالىلار ۋە ئاياللارمۇ قاتناشقان ئىدى. نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە شۇئارلار يېزىلغان ۋىۋىسكا ‏ - تاختىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسى ئالدىغا توپلىنىپ، شۇئار تۆۋلاپ ئاپتوبۇس ۋە كىچىك ئاپتوموبىللار بىلەن خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغىچە يۈرۈش قىلدى. نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ "كوممۇنىست خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!"، "مەزلۇملار بۇ يەردە، ئىنسان ھەقلىرى قەيەردە!"، "ھەق - ھوقۇق ئادالەت، تۈركىستانغا ھۆرىيەت!" دەپ شۇئار توۋلىدى. نامايىشقا كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرى، ئاخباراتچىلار، ژۇرنالىستلارمۇ كەلگەن ئىدى، نامايىشتا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار ئەپەندى سۆز قىلدى. بىر خىتاي كونسۇلخانا بىناسىنىڭ دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ رەسىمگە تارتىۋاتقاندا نامايىشچىلار ئۇ خىتايغا قارىتىپ خىتاي كونسۇلخانىسىغا تۇخۇم ئاتتى. بۇ ئارىدا تۈركىيە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى كېلىپ نامايىشچىلارنىڭ قوللىرىدىن بەش كارتۇن تۇخۇمنى تارتىۋالدى، نامايىشچىلار يەنە خىتاينىڭ بايرىقىغا دەسسەپ ئوت ياققاندا ساقچىلار كېلىپ ئۆچۈرۈۋالدى.

نامايىش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار ئەپەندى مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستان خەلقى 50 نەچچە يىلدىن بىرى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن زۇلۇم چېكىۋاتىدۇ. بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، خىتاي ئىشغالچىلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باھانە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي مۇھاسىرىگە ئالدى. كىچە - كۈندۈز تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ خەلقنى قاماققا ئالدى. بىر شەھەردىن باشقا بىر شەھەرگە، بىر مەھەللىدىن باشقا بىر مەھەللىگە بېرىشنى چەكلىدى. خەلقنىڭ كوچىلارغا چىقىشىنىمۇ چەكلىدى. خىتايلار ئولىمپىك مەشئىلىنى شەرقىي تۈركىستاندىن بىخەتەر ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خالىغىنىچە باستۇرۇپ زۇلۇم قىلماقتا، مەشئەلنى ئۆتكۈزىدىغان قەشقەر ۋە ئۇرۇمچى شەھەرلىرىدە خەلقنى ئىشىك ‏ - دېرىزىلىرىنى تاقاپ ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇق قىلغان، دېرىزىلىرىدىن قاراشنىمۇ چەكلىگەن. خىتايلار يەنە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئېلان - تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن مەسچىتلەرنىمۇ قوللانماقتا. ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيە يۇرچى يېزا قۇمئېرىق مەھەللىسىدىكى بىر مەسچىتنىڭ جامائىتى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېلان تاختىسىنى مەسچىتنىڭ قىبلە تەرىپىگە چاپلاشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ساقچىلىرى مەسچىتنىڭ ئىمامىنى قولغا ئالغان. مەسچىتنىڭ جامائىتى تارقىتىۋېتىلگەن. خىتايلار تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسى بىلەن مەسچىتنى ئۆرۈۋەتكەن. بۇ ۋەقەدىن كېيىن خىتايلار 600 دىن ئارتۇق شەخىسنى تۇتقۇن قىلغان. خىتايلار پەقەت 65 كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇلاردىن 20 كىشىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى، 45 كىشىنىڭ مۇددەتسىز جازاغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى، دۇنيادىكى پۈتكۈل دۆلەتلەر، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز."

بىز نامايىش ئاخىرلاشقاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن بۇ نامايىش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.