ئىستانبۇل 4 ‏- نۆۋەتلىك خەلقئارا مۇسۇلمان ياشلار مۇنبىرى ۋە 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسى

ئىستانبۇلدىكى ھولىدەي مېھمانخانىسىدا 4 ‏- قېتىملىق خەلقئارا مۇسۇلمان ياشلار مۇنبىرى يىغىنى رەسمىي باشلاندى. 2009 ‏- يىلى 7 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنىدىن 17 ‏- كۈنىگىچە 3 كۈن داۋام قىلماقچى بولغان بۇ يىغىن خەلقئارا ياشلار مۇنبىرى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا 75 دۆلەتتىن كەلگەن 144 نەپەر ياشلار ۋەكىلى قاتناشتى. يىغىنغا "ئورتاق نىشان يېڭى بىر دۇنيا بەرپا قىلىش" دەپ نام بېرىلگەن.

0:00 / 0:00

يىغىنغا تۈركىيە ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقات ئىدارىسى باشلىقى رىجائى قۇتان، سائادەت پارتىيىسى رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، خەلقئارا ياشلار مۇنبىرى تەشكىلاتى رەئىسى ھەسەن بىتمەس، مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مۇستافا تاھھان قاتارلىق شەخسلەر قاتناشتى.

يىغىنغا يەنە، ئۇيغۇر ياشلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باشچىلىقىدا بىر ھەيئەتمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

يىغىندا خەلقئارا ياشلار مۇنبىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ھەسەن بىتمەس ئەپەندى ۋە تۈركىيە سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى پروفېسسور نۇمان قۇرتۇلمۇش ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى.

يىغىندا يەنە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئەرەب تىلىدا سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى سىياسى ۋەزىيىتى بولۇپمۇ 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يىغىندا يەنە، خەلقئارا ياشلار مۇنبىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ھەسەن بىتمەس ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "كۈندىلىك مەسىلىلەرگە ئالاقىدار ياشاۋاتقان دۇنياغا قارايدىغان بولساق، ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن كۆز ئالدىمىزغا كېلىدىغان مەنزىرە شۇ. قىزىل كوممۇنىست خىتاي، يېرىم ئەسىردىن بىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمنى كۆپەيتىپ، ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ھەددىدىن ئېشىپ زۇلۇم قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئەھۋال بۇ ھالدا ئىكەن، بىزلەر مۇسۇلمانلار شەرقىي تۈركسىتانغا ياردەم قىلالمىدۇق. ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن بىزدىن ياردەم كۈتۈۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىمىزنى سۇنالمىدۇق."

يىغىندا سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى پروفېسسور نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى سۆز قىلىپ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: "بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلار سىياسى ئاجىزلىق ئىچىدە ياشىماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قەتلىئاملار توغرىسىدا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ رەئىسلىرى بىر جۈملە سۆز قىلمىدى. ھېچبىر قەدەم باسمىدى. مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ياشلىرى چوقۇم شۇنى بىلىشى لازىمكى، خەلقئارا مەسىلىلەرگە خەلقئارالىق چارە تېپىش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا ھەل قىلىش يولى يوقتۇر."

بىز بۇ يىغىن جەريانىدا سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سوئال: نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇغان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا مىللىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى تەھدىت قىلپ، ئۇنىڭدىن مىللىي قىرغىنچىلىق ئىپادىسىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. سىز سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، چاغلىيان مەيدانىدا سۆز قىلغاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا، مىللىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدىڭىز. بەلكى خىتاي دائىرىلىرى سىزگىمۇ تەھدىت قىلىشى مۇمكىن، سىز بۇنىڭغا نېمە دەيسىز ؟

جاۋاب: بىز ئۆتكەنكى يىغىندىمۇ سۆزلەپ ئۆتتۇق، بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان بىر مىللىي توقۇنۇش ئەمەس، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق پائالىيىتى. بىر مىللىي قىرغىنچىلىقتۇر ۋە بىر دىنىي قىرغىنچىلىقتۇر. يەنى ئىنسانلار ئۇيغۇر تۈركلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن سېستىملىق ھالدا ئۇزۇن يىللاردىن بىرى داۋام قىلىۋاتقان ئايرىمچىلىق چېكىگە يەتتى. ئىنسانلار ئوققا تۇتۇلدى، يول ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇلدى. دۇكانلىرى چېقىلدى، ئۆيلىرىدە خاتىرجەم تۇرالمىدى، نېمە سەۋەبتىن؟ بۇ ئادەملەر ئۇيغۇر تۈركلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ سەۋەبتىن بۇ بىر مىللىي قىرغىنچىلىقتۇر. ئەلۋەتتە ھۆرمەتلىك باش مىنىستىرنىڭ سۆزلىگىنى توغرا. سۆزلەش بىلەنلا كۇپايە قىلىشقا بولمايدۇ، تۈركىيە بۇ ھەقتە چوقۇم ئاكتىپ بىر رول ئوينىشى ۋە بۇ خىل مەسىلىلەرنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىشى كېرەك. تۈركىيە بۇنى قىلالايدىغان دۆلەتلەردىن بىرى.

سوئال : ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندى، سىزمۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن مىللىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلدى دېگەن ئىپادىدە بۇندىن كېيىنمۇ چىڭ تۇرامسىز؟

جاۋاب : ئەلۋەتتە شۇنداق. بۇ ئوچۇق ‏- ئاشكارا مىللىي قىرغىنچىلىق. بۇ مىللىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۈچ چوڭ تەشكىلاتنى ھەرىكەتكە ئاتلاندۇرۇش لازىم. يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تەسىرى كۈچلۈك بەزى دۆلەتلەر بار، بۇ دۆلەتلەر ئارقىلىق خىتايغا بىر تۈركۈم بېسىم قىلغىلى بولىدۇ. بىز بەك ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ خىتاي بۇ ۋەقە بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز، بۇ ئىشقا ئارىلاشقانلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىمىز، دەپ ئېلان قىلدى. ئۇ يەردە مىڭلارچە تۇتۇلغانلار بار. بەزى رەقەملەرگە قارىغاندا 5000 كىشى، باشقا بىر مەنبەلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ. بەزى ئىنسانلارنىڭ تۇتۇلغان ياكى توتۇلمىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يۈزلەرچە بەلكى مىڭلارچە ئىنسانلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش مەيدانغا چىقسا، بۇنىڭدىن يەنى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر، ئۆزلىرىنى مەدەنىيەتلىك ھېسابلايدىغان دۆلەتلەر نومۇس قىلمامدۇ؟ دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدە بىرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسا دۇنيانى بېشىغا كيىگەن ئەركىن دۇنيا قەيەردە؟ خىتاي ئوچۇق سۆزلەۋاتىدۇ، بۇلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىمىز، دەپ، بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا سىياسى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغىلى بولىدۇ دەپ قارايمىز. تۈركىيە بۇنى قىلالايدىغان بىر دۆلەت. ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ خىتايغا قارشى بىر دىپلوماتىيە ھەرىكىتى مەيدانغا چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنى قىلماق مۇمكىن بولىدۇ.

سوئال :ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندى 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسى ھەققىدە باش مىنىستىر ئەردۇغاننىڭ ھازىرقى مەيدانىنى كۇپايە قىلىدۇ دەپ قارامسىز؟

جاۋاب : ياق، كۇپايە قىلىدۇ دەپ قارىمايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز 11 ماددىلىق بىر ھۆججەت چىقاردۇق. بۇ ھۆججەتتە تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ مەخپىي يىغىن ئېچىپ بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ مەسىلىنى خەلقئارا مەيدانغا ئېلىپ چىقىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، سىياسىي پاناھلىق ۋە مۇساپىرلار مەسىلىسى بار. دۇنيادا 30 غا يېقىن دۆلەتتە 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇساپىرلار بار، بۇ مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟ بولۇپمۇ تۈركىيىدە ياشاۋاتقان 10 مىڭلارچە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا پۇقرالىق سالاھىيىتى بېرىش كېرەك، تۈركىيە بۇنى قىلالايدۇ، بۇ ھەقتە ھېچكىمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.