يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرىستىتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.
يىغىندا، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى پەن - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تۈرك تىل ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور مەتىن قارائۆرس ئەپەندى 'شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ ھەل بولۇش يوللىرى' دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
پروفېسسور مەتىن قارائۆرس سۆزىدە ئىككى خىل ئۇقۇمدىكى مىللەتنىڭ بىر رايوندا ياشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
دۇنيادا ئىككى خىل ئۇقۇمدىكى ئىنسان بار، بىرسى ئەۋلادلىرىغا، ھايات ياشاش ئۈچۈن، ھاياتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن، نېمە بولساڭ بول، ھەر قانداق تار يەر بولسىمۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىر، سۇغا ئوخشاش ئاق دەپ تەلىم بېرىدۇ، بۇ ئىنسانلار خىتايلاردۇر. يەنە بىرسى تۈركلەر، تۈركلەر ئەۋلادلىرىغا، ئىنسان بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن توغرا دەپ قارىغان يولدا سۇنۇشقا توغرا كەلسە بېلىڭ سۇنسۇن ئەمما ھېچ قاچان ئېگىلمە، دەپ تەلىم بېرىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئۇقۇمدىكى ئىنساننىڭ بىر يەردە ياشىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مەۋجۇد.
پروفېسسور مەتىن قارائۆرس سۆزىدە يەنە تۈرك دۇنياسىنىڭ جۇغراپىيىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
دۇنياغا تۈركلەر ئولتۇراقلاشقان يەر، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان يەر، خەرىتىگە قارايدىغان بولساق بالقانلاردىن قارا دېڭىزنىڭ شىمالىغا، ئاناتولىيدىن ئېتىبارەن كاسپى دېڭىزىغىچە، كاسپى دېڭىزىدىن ئېتىبارەن سەددىچىن سېپىلىغىچە بۇ يەر دۇنيانىڭ ئوتتۇرىسى. تۈركلەر، غەرب بىلەن شەرق، جەنۇب بىلەن شىمال تەرەپلەرگە ئۆتىشىدىغان بۇ جۇغراپىيىگە ئورۇنلاشقان. يەنى ياۋروئاسىيانىڭ مەركىزى، بۇ يەر 12 مىليون كۋادرات كىلومېتىرلىق بىر ھەجىمدىكى كەڭ بىر ئورۇن، يۇگوسلاۋىيىدىن، ئادرىياتىكتىن سەددىچىن سېپىلىغىچە، سېبىرىيىنىڭ جەنۇبىدىن ھىمالايىغىچە بولغان كەڭ رايونلار تۈركلەر ياشايدىغان جايلاردۇر. تۈرك دۇنياسىنىڭ مەركىزى كاسپى دېڭىزى، كاسپى دېڭىزىنىڭ شەرقىي، شەرقىي تۈركلەر، غەربىي غەرب تۈركلەر كاسپى دېڭىزى ۋە قارا دېڭىزنىڭ ئۈستى تەرىپىدە شىمالىي تۈركلەر مەۋجۇد، بۇ يەرلەر تۈرك جۇغراپىيىسىدۇر.
پروفېسسور مەتىن قارائۆرس سۆزىدە يەنە، تارىختا تۈنجى قۇرۇلغان تۈرك دۆلىتى ۋە ھازىرقى تۈرك دۆلەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
ھەممىمىز ھۇنلاردىن، كۆكتۈركلەردىن كەلگەن، تۈرك دۆلىتىنى تۈنجى قېتىم قۇرغان دۆلەت كۆكتۈركلەردۇر، ئەڭ مەشھۇر ھۆكۈمدارلار ئىلتەرىش قۇتلۇق خاقان، بۇمىن خاقان بۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىز بۈگۈنكى موڭغۇلىستاننىڭ بايقال كۆلىنىڭ بېشىغا تىكىلگەن كۆكتۈرك ئابىدىلىرىدىن بىلىمىز. بىزنىڭ ھازىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، شىمالىي قىبرىس، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق 7 مۇستەقىل تۈرك دۆلىتىمىز بار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇسىيىنىڭ ھاكىمىيەت ئاستىدا كۆپلىگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە جۇمھۇرىيەتلىرىمىز بار، بۇ قاتاردا خىتاي ئىشغال ئاستىدا شەرقىي تۈركىستانمۇ بار، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ، تارىختا 2، 3 قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى قۇرۇلغان ئەمما ئۇلارنى كېيىن خىتايلار ئاغدۇرۇۋەتكەن ۋە شۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى ۋەزىيەتكە كەلگەن.
پروفېسسور مەتىن قارائۆرس سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قانداق ھەل بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەل بولىشى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەقلىق تەرەپلىرىنى پۈتكۈل دۇنياغا ئاڭلىتىشىمىز لازىم، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۆز ۋەتىنىدە كىشىلىك ھوقۇققا ئۇيغۇن شەكىلدە، ئىنسانغا خاس ئۇسلۇبتا ياشاشنى خالايدۇ، بۇ ھەق - ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنماسلىق لازىم. قىزلارنىڭ خىتايلار ئىشلەشنى خالىمىغان ئۇزاق يەرلەردىكى ناچار ئورۇنلاردا مەجبۇرى ئىشلىتىشى. نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە چەكلىمە قويۇلۇشى، شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچمەنلەرنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتوم بومبىسى سىناق قىلىش نەتىجىسىدە رادىئاكتىپ ماددىلارنىڭ تارقىلىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىشى، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆرۈپ - ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيەتلىرىگە خاس شەكىلدە ياشىشىغا چەكلىمە قويۇلىشى، خىتايلارنىڭ يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سىياسەتلىرى. ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھۆر دۇنيا، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە پۈتكۈل دۇنيا جامائىتى بۇلارنى كۆرۈشى لازىم، پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىنسانچە ياشاش ھەققىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەر ئېلىنىشى لازىم.
بۇ مەسىلە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىشى كېرەك. قىبرىس مەسىلىسى قانداق بىر شەكىلدە تۈرك دۇنياسى ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ مەسىلىسىگە ئايلانغان بولسا. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ ئوخشاشلا دۇنيا جامائىتىنىڭ ۋە پۈتكۈل تۈركلەرنىڭ مەسىلىسىگە ئايلىنىش لازىم. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانچە ياشاش ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان سىياسەتلەر دەرھال بىكار قىلىنىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى لازىم.
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىر ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىدۇر. ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت مەسىلىسى، بىر مىللى قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدۇر، قىرغىنچىلىق بىلەن يوق ئېتىش بۈگۈنكى زامانىۋى دۇنيادا قوبۇل قىلىنمايدىغان بىر نەرسە. ھەر يەردە مىللى قىرغىنچىلىق قىلغانلار ئەيبلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق كۆرۈلمەيۋاتىدۇ. ھۆر ۋە مەدەنىيەتلىك دۇنيا بۇنىڭغا، توختا! دېيىشى ۋە چەكلىمە قويۇشى لازىم.
بۇ مەسىلىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باشچىلىقىدا پۈتكۈل 7 مۇستەقىل تۈرك جۇمھۇرىيەتلەر بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇ يەردە بەس - مۇنازىرە ۋە مۇزاكىرە قىلىنىشى لازىم، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىلىرى بۇ ئۇسۇلدا ھەل بولۇشى كېرەك. مەن بۇ ئۇسۇلدا ھەل بولۇشنى ئويلايمەن. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئىنسانچە ياشاش ھوقۇقلىرىغا چوقۇم ئېرىشىدۇ، ھازىر ياشاۋاتقان ناچار ۋەزىيەتتىن چوقۇم قۇتۇلىدۇ، بىز بۇنىڭغا ئىشىنىمىز.