ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيغۇر سىنىپى ئېچىلدى

ھەر قانداق مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا شۇ مىللەتنىڭ، تىلى، دىنى، ئۆرپ ‏- ئادىتى، كۈلتۈر ‏- مەدەنىيىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر سىنىپلىرى تەسىس قىلىپ، ئەۋلادلارغا ئۇيغۇرچە دەرس ئۆتۈپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

يېقىندا مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىنىڭ تەسىس قىلىشى بىلەن مەخسۇس بىر ئۇيغۇر سىنىپى ئېچىلدى.

بۇ سىنىپقا ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئوخشىمىغان باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن 50 نەپەر ئۆسمۈر تىزىملاتقان بولۇپ، بۇ سىنىپتا ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئىككى سائەتتىن دەرس ئۆتۈلمەكتە. بۇ سىنىپتا ئاساسلىقى ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى، ئىسلام دىنىدىن ساۋات، ئەدەب ‏- ئەخلاق، ئۇيغۇر ئۆرپ ‏- ئادەتلىرى، كۈلتۈر ‏- مەدەنىيەتلىرى ھەققىدە دەرس ئۆتۈلمەكتە.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى توپلاپ، ئىستانبۇلنىڭ تارىخىي ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلدۇرۇش، دېڭىز ساھىلىغا سەيلىگە چىقىش، ئۇيغۇرچە ئويۇن ئويناش دېگەنگە ئوخشاش پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا. ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردىن بىرى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2007 ‏- يىلىدىن باشلاپ ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇ رايونلىرىدىكى شۆبىلىرىدە مەخسۇس ئانا تىلى يەسلىسى ئېچىپ، 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەپ كەلمەكتە. ئىككى ئورۇندىكى ئانا تىل يەسلىسىدە ھازىر 60 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتى دەرس ئوقۇماقتا.

بىز بۇ قېتىم، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئېچىلغان ئۇيغۇر سىنىپى ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبە باشلىقى مۇمىنجان ۋە بۇ سىنىپتا دەرس ئۆتەۋاتقان مۇنەۋۋەر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.