مۇراسىمغا تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ئايال مەسئۇللىرىدىن ئەممار خانىم، دوكتور مەھتابخانىم، ئىلگىرى شەھەر باشلىقى بولغان شائىرە ناگاھان ئاكايئورباي خانىم، تۈركمەن ئېلى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئايسەل قۇشجۇ ۋە لەيلە خانىملار قاتناشتى. مۇراسىمغا يەنە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تۈرك ئانىلاردىن 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. مۇراسىمغا شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى.
مۇراسىمدا ئۇيغۇر ئانىلار ھەققىدە، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىندى ۋە ناخشا ئوقۇلدى، ۋەكىللەر سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە توختالدى. ئاخىرىدا مۇراسىمغا قاتناشقان ئانىلارغا ھەدىيە تەقدىم قىلىندى.
بىز بۇ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلغان شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم ۋە مۇراسىمدا سۆز قىلغان مۇنەۋۋەر خانىم قاتارلىقلارنى مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن زىيارەت قىلدۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.