ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئاياللار ئانىلار كۈنى مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

كۆپ دۆلەتلەردە ھەر يىلى ماي ئېيىنىڭ ئىككىنچى يەكشەنبە كۈنى ئانىلار كۈنى دەپ بېكىتىلگەن، ئانىلار كۈنى خەلقئارالىق بىر كۈندۇر. دۇنيادا مىليونلارچە ئانىلار بۇ كۈندە بالىلىرى تەرىپىدىن سۆيگۈ ‏- مۇھەببەت ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلەن ھۆرمەت قىلىنىپ خاتىرىلىنىدۇ.

0:00 / 0:00

كىچىك بالىلار، ئانىلار كۈنىدە ئانىلىرىغا گۈل تەقدىم قىلىدۇ، گۈزەل سۆزلەر بىلەن ماختاپ ئۇلارنى خۇشال قىلىدۇ، ئانىلار ئۈچۈن ياخشى ئارزۇ - ئىستەكلەر تىلەيدۇ. مەكتەپلەردە ئانىلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ، يىغىنلار ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇراسىمدا سۆزلەنگەن نۇتۇقلار، ئوقۇلغان شېئىر ، ماقالىلەر ئانىلارغا بېغىشلىنىدۇ. بۇ كۈندە يەنە پۈتۈن گېزىت ‏- ژۇرناللاردا ئانىلارنى مەدھىيىلەپ ماقالە ۋە شېئىرلار يېزىلىدۇ. رادىئو، تېلېۋىزورلاردا ئانىلارغا بولغان سۆيگۈ ‏- مۇھەببەت توغرىسىدا سۆز قىلىنىدۇ.

2008 ‏- يىلى 5 ‏- ئاينىڭ 10 ‏- كۈنى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللار شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىگە توپلىشىپ، ئانىلار كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. مۇراسىمغا 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىشتىراك قىلدى. مۇراسىمغا شائىرە نۇرئەلا كۆكتۈرك خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا يازغۇچى بېلىقىز خانىم، ئايال نىھايەت ئاۋشار، نۇر ئەلا كۆكتۈرك خانىم، مېھرىنسا قەشقەرلى خانىم قاتارلىق ئاياللار ئانىلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلدى. كىچىك بالىلار ئانىلىرىنى مەدھىيىلەپ شېئىر ئوقىدى.

مۇراسىم ئاخىرلاشقاندا بىز ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر شائىرە سىيتىنسا لوقمان خانىم بىلەن بۇ مۇراسىم ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.