ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر ئۇيغۇر سۆز قىلدى.
ئۈرۈمچىدىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر، بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ يۈزىگە نىقاپ تاقىغان بولۇپ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدى. ئەمما ئۈرۈمچىدە 5 - ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەدە كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى تەپسىلىي ئاڭلاتتى ۋە ۋەقەدە ئۆلگەن، تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى بىلدۈردى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى كۆزى بىلەن كۆرگەن ئۇيغۇر گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ مۇنداق دېدى: "ئەسكەرلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، خىتاي پۇقرالىرىدىن بىر بۆلەك كىشى ئۇيغۇرلارنى قورال بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈردى. تۈرمىگە قامالغان 600 دەك كىشىدىن خەۋەر ئېلىنمىدى. تۈركىيىگە پەقەت 196 كىشىنىڭ ئۆلگەن خەۋىرى تارقىلىپتۇ، ئەمما ئۇ يەردە 1000 دىن ئارتۇق ئەر كىشى ئوققا تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلدى. خىتاي دۇنياغا تاقاپ قويغان ئۇ رايوندا خالىغاننى ئېسىپ خالىغاننى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. مەن ھەر خىل يوللار ئارقىلىق مىڭ تەستە تۈركىيىگە كەلدىم. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا قالغان ئائىلەم ۋە ئۇرۇق - توغقانلىرىمدىن ئەندىشىلىنىمەن. ھېچكىمنىڭ ھاياتى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. چۈنكى خىتاي دائىرىلىرىگە نىسبەتەن جىنايەتچى بولۇش ئۈچۈن جىنايەت سادىر قىلىش كېرەك ئەمەس. پۈتكۈل ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى جىنايەتچى، مەخپىي كۈچ ۋە تېررورچى ھېسابلىنىدۇ."
ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەن ئۇ كىشى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ئاۋازىنى رادىئو - تېلېۋىزىيىلەردە ئاڭلىتىشنى قوبۇل قىلمىدى.
ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "دۇنيا سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋەرسە، خىتاي پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى يوق قىلمىغىچە ئۆلتۈرۈشتىن توختىمايدۇ، ئۇيغۇرلار پۈتكۈل كىشىلىك ھوقۇقلىرى تارتىۋېلىنغان بىر ۋەزىيەتتە ياشىماقتا. شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىدە تۈركىيە بىر تۈركۈم خاتالىقلارنى ئۆتكۈزدى. ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ئېيتىمەنكى، خىتاي تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈش ئۇنىۋېرىستېتلاردا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندا تۈركىيە سۈكۈت ئىچىدە تۈردى. ئېتىراز بىلدۈرمىدى. 1998 - يىلى 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى باش مىنىستىرلىق 36 - نومۇرلۇق ھۆججەت تەستىقلاپ شەرقىي تۈركىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قىلىشنى چەكلىدى. بۇ ۋەزىيەت تۈزۈتۈلۈشى لازىم."
بۈلەنت يىلدىرىم ئەپەندى يەنە، ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى، ئەرەب ئىتتىپاقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى، ئۈرۈمچىدىكى قەتلىئامنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: "ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتاي بىلەن 133 مىليارد دوللار ھەجىمدە بىر سودا - تىجارىتى بار. ھەج ۋە ئۆمەرەج مەزگىللىرىدە سېتىلىۋاتقان پۈتكۈل ماللار خىتايدا ئىشلەنگەن ماللار. ئەگەر ئىسلام دۇنياسى بۇ تىجارەت ئىمكانىيىتىنى قوللىنىپ خىتايغا بېسىم ئىشلەتسە خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى ھەرىكەتكە ئاتلانمىسا چوڭ بىر ئۇۋالچىلىق يۈز بېرىدۇ. ئىسلام قۇرۇلتىيىنى ھەرىكەتكە ئاتلاندۇرۇشنى خالىمىغان ئىسلام دۆلەتلىرى تارىختا ياخشى خاتىرىلەنمەيدۇ. خىتايغا قارشى بايقۇت قىلىشنى باشلاش ئۈچۈن ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى ئىسلام دۆلەتلىرىنى بىر يەرگە توپلىشى لازىم. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسلام قۇرۇلتىيىغا ئېھتىياجى بار."
ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ ئىستانبۇلدىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا يەنە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارنى بېرىش بىلەن بىرگە دۇنيا جامائىتىنىڭ خىتايغا بېسىم قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى: "خىتاي ئەسكەرلىرى شەرقىي تۈركسىتاندىن دەرھال چىقىپ كەتسۇن. خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ئوغۇل - قىزلىرى ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان مىڭلىغان بىگۇناھ كىشىلەر دەرھال قويۇپ بېرىلسۇن! 1949 - يىلى ئىشغالدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كەلگەن خىتايلار قايتىپ كەتسۇن. خىتاي كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە سوتقا تارتىلىپ مىللىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىق جىنايىتى بىلەن جازالانسۇن! خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قەتلىئامنى يوشۇرۇپ تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىغا خاتا ئۇچۇرلار بېرىپ ئالداپ كەلمەكتە. دۇنيا جامائىتى پايدا - مەنپەئەتنى قايرىپ قويۇپ، بۇ ۋەھشىيلىكنى، مىللى قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختىتىش ئۈچۈن غەيرەت قىلىشى لازىم."
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامىت كۆكتۈرك، دۇنيا جامائىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە سۈكۈت قىلماسلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "ئەپسۇسلىنارلىقى، دۇنيادىكى دۆلەتلەر خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم سودا - تىجارەتنى كۆزدە تۇتۇپ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قەتلىئامغا سۈكۈت قىلىپ تۇرماقتا. بۇ سۈكۈت قىلىش داۋام قىلسا بىر خەلق يوق بولىدۇ."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.