ئىستانبۇلدا 3 ‏- نۆۋەتلىك ياۋرو- ‏ئاسىيا ئاياللار مەسىلىسى ھەققىدە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2010 ‏- يىلى 4 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى كىرىستال مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا 3 ‏- نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا ئاياللار مەسىلىسى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

يىغىنغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، موڭغۇلىيە قاتارلىق 20 دۆلەتتىن ئايال ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىپ، يىغىندا ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ۋە رايونلىرىدىكى ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ئاڭلاتتى.

يىغىنغا ئىستانبۇل مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇستافا ئالتۇنتاش ئەپەندى قاتارلىق كۆپ ساندا كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىلىرى، يازغۇچىلار، مۇخبىرلار قاتناشتى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتنىڭ پەخرى رەئىسى ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

يىغىندا تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ بوكسۇر ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى. كېيىن باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر نۆۋەت بىلەن سەھنىگە چىقىپ، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ۋە ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە سۆز قىلدى.

يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتنىڭ پەخرى رەئىسى ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاينىڭ مەجبۇرىي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئاستىدا زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ لوپنۇردا 46 قېتىم ئاتوم بومبا سىناق قىلىش نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقتىن نۇرغۇن بوۋاقلارنىڭ مېيىپ ھالەتتە تۇغۇلغانلىقىنى دەپ ئۆتتى.

بۇ يىغىندا ئاساسلىقى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركلەر ياشايدىغان دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە سۆز قىلىندى.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ بوكسۇر، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتنىڭ پەخرى رەئىسى ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سوئال:

ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندى، سىز تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا قانداق قارايسىز؟

جاۋاپ:

كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا باكۇدا، قىرىمدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى يىغىن كۈن تەرتىپىگە كەلگەن ئىدى، تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى ھەققىدە ئالماتادا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىمىزدا ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يىغىن كۈن تەرتىپىگە كەلتۈرگەن ئىدۇق، خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستان ئاياللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، ئۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، ئاياللار ئۆز مىللى سالاھىيىتى سەۋەبىدىن جىددى بىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە، يەنە بىر تەرەپتىن مائارىپ ساھەسىدە، مىللى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆز تىلىدا دەرس ئوقۇيالماسلىققا ئوخشاش مەسىلىلەر بار، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانلارنى ئۆز دىنى ئېتىقادىدىن باشقا بىر ئېتىقادقا زورلاۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئاياللار ئۆز بالىلىرىنى ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغاندەك يېتىشتۈرۈشتە توسالغۇغا ئۇچىرىماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن قارايدىغان بولساق، بويىغا يەتكەن قىزلار ئۆز ئۆيلىرىدىن، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي ھاياتتىن ئايرىپ، خىتاينىڭ ئۇزاق ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئەلۋەتتە پۈتكۈل دۇنيادا ئايال كىشى بولۇش قىيىن، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا ئايال كىشى بولۇش تېخىمۇ قىيىن.

سوئال:

ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندىم، سىز ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا دېمەكچى بولغان سۆزىڭىز بارمۇ؟

جاۋاپ:

مېنىڭ دېمەكچى بولغان سۆزۈم شۇكى، ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى ئەركىن بىر دۇنياغا مۇھتاج، بۇ ئەركىن دۇنيانى قۇرۇشنىڭ ئۈچ ئاساسىي پرىنسىپى بار، ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك. ئەگەر بىز ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىمىزنى بۇ ھەقتە، سىستېمىلىق ھالغا كەلتۈرەلىسەك، ئاندىن ئىنساندەك ياشاش مۇھىتىغا ئىگە بولۇشىمىز مۇمكىن. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بىز ھەممىمىز ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن ئىنساندەك ياشىيالايدىغان بىر دۇنيانى قۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھەممىمىز بىرلىكتە ئۆز قىممىتىمىزنى قەدىرلىيەلەيدىغان بىر دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ھېچ كىم بۈگۈنكى زۇلمەتنى كۆرۈپ، كەلگۈسىنى پارلاق بولمايدۇ دېيەلمەيدۇ، بۈگۈن قىيىنچىلىقلار بولىشى مۇمكىن ئەمما بۇ قىيىنچىلىقلارغا بىر كۈنى چوقۇم خاتىمە بېرىلىدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پارلاق كۈنى يېتىپ كېلىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.