ئىستانبۇلدا بارىن ئىنقىلابىنىڭ 20 ‏- يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش

2010 ‏- يىلى 4 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدا بارىن ئىنقىلابىنىڭ 20 ‏- يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

0:00 / 0:00

نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تۈركلەردىن بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. نامايىشچىلار قوللىرىدا تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى كۆتۈرگەن، بەزى نامايىشچىلار قوللىرىدا، "بارىن، خوتەن، غۇلجا ۋەقەلىرىنى ئۇنۇتمىدۇق، ئۇنۇتمايمىز"، دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار يېزىلغان تاختىلارنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.

نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دەرۋازا ئالدىغا يېقىنلاپ كەلگەندە ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى. نامايىشچىلار خۇ جىنتاۋنىڭ رەسىمى چاپلانغان ۋە خىتاي بايرىقى كىيدۈرۈلگەن چوڭ ھەجىمدىكى بىر قونچاقنى ئېلىپ كېلىپ، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.

Barin-inqilawi-20-yilliqi-Istanbul-04-05-2010-1-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 4 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 4 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﯨﻦ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ 20 ‏- ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﺎ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺮﯦﺰﯨﯧﻨﺘﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞﻧﯩﯔ ﻫﻪﻳﻜﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. (RFA Photo / Arslan)

نامايىشقا كۆپ ساندا ‏رادىئو ‏- تېلېۋىزىيە، گېزىت - ژورنال مۇخبىرلىرى ئىشتىراك قىلدى.

نامايىش جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تىبەت يۈجەتۈرك مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلدى. ئاخىرىدا، نامايىشچىلاردىن 5 كىشىلىك بىر ھەيئەت ساقچىلارنىڭ رۇخسەت قىلىشى بىلەن، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا قارا چەمبىرەك قويدى. قارا چەمبىرەككە "شەرقىي تۈركىستان بىرلەشمىسى" دېگەن چوڭ ھەجىملىك خەتلەر يېزىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.