ئىستانبۇلدا ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق 9 نەپەر خىتاي ئەمەلدارى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇلدى

ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن ئىرقىي، مەدەنىي ۋە دىنىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزگەن ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىشلىگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تۈركىيىدە سوتقا تارتىلىشى ئۈچۈن، مەزلۇم دەر ئىسىمى بىلەن تونۇلغان يەنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەزلۇملارغا ھەمكارلىق قىلىش جەمئىيىتى، ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق 9 خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى.

0:00 / 0:00

بۇ ئەرزنامىنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن بولۇپ، جىنايى پاكىتلارنى توپلاشتا مەزلۇم دەر جەمئىيتى بىلەن ئالاھىدە ھەمكارلاشقان.

2009 ‏ - يىلى 8 ‏ - ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرى ۋە خىتاي ساقچىلارنىڭ كىشىلەرنى قىيىن قىستاققا ئالغان كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل رەسىملەرنى كۆتۈرگەن ھالدا ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ سۇلتان ئەخمەت رايونىغا جايلاشقان جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى ئالدىغا يېتىپ كەلدى. ئۇيغۇرلار كۆتۈرۈۋالغان بۇ رەسىملەر ئاخباراتچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەزلۇملار ئۈچۈن ھەمكارلىق قىلىش جەمئىيىتى ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى ئادۋوكات جىھات گۆكدەمىر ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئەپەندى، 14 بەتلىك ئەرزنامىنى ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسىگە بىرلىكتە سۇندى. كېيىن جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ئەرز قىلىشتىكى مەقسەت ‏ - مۇددىئالىرى ھەققىدە ئاخباراتچىلارغا مەلۇمات بەردى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەزلۇملار ئۈچۈن ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى ئادۋوكات جىھات كۆكدەمىر، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، ئابلىكىمخان مەخسۇم، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى ۋە ھامۇت كۆكتۈرك قاتارلىق كىشىلەرمۇ ئىشتىراك قىلدى.

Xitay-wang-lechuan-Istanbulda-sotqa-berildi-1-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 8 ‏ - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 4 ‏ - ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﻪﺭﺯﻧﺎﻣﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺑﺎﺵ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺳﯘﻧﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﻦ، ﺟﯩﻬﺎﺕ ﮔﯚﻛﺪﻩﻣﯩﺮ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﻫﯩﺪﺍﻳﻪﺗﯘﻟﻼ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯘﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﺘﻪ.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئادۋوكات جىھات كۆكدەمىر ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك بىر مەزگىلدە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن ئاسسىملياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرى ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە يۈكسەلدى.

دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا خاتىرجەم ھالدا كەڭ كۆلەمدە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئىشلىگەن، مىللىي قىرغىنچىلىق ۋە قەتلىئام قىلغان خىتاي ھاكىمىيىتى قول ئاستىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، سوت ئاچماستىن ئۆلتۈرۈش. قىيىن ‏ - قىستاققا ئېلىش، تۇغۇت چەكلەش، كۆچمەن يۆتكەش، دىنىي تەلىم ئېلىشقا چەكلىمە قويۇش، ئىبادەت قىلىشنى چەكلەش، ئەيدىزگە ئوخشاش ئۆلۈم خاراكتېرلىك يوقۇملۇق كېسەللىكلەرنى تارقىتىش، ياشلارنى ئەرزان باھادا ئەمگەككە سېلىش ئۈچۈن مەجبۇرىي ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش، ساياھەت ۋە سەپەر قىلىش ئەركىنلىكنىڭ چەكلىنىشى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، تېلېفۇن ئالاقە قىلىشنىڭ چەكلىنىشى قاتارلىق چەكلىمىلەر كۈندىلىك ھاياتنىڭ بىر پارچىسى ھالىغا كەلتۈرۈلدى. مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلارنى، ئاسىمىلياتىسيە سىياسەتلىرىنى ۋە ئەڭ ئاخىرى يۈز بەرگەن ۋەقەدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە يۈرۈش قىلغان نامايىشچىلارنى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قارا - قويۇق ئوق ئېتىشى، ھاۋادىن بومبا تاشلىشى ۋە توپلانغان كىشىلەرنى تانكىلار بىلەن باستۇرۇشىغا قارشى دۇنيا جامائىتى ھازىرغىچە سۈكۈت قىلىپ تۇرماقتا.

جىھات كۆكدەمىر ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: " 5237 نومۇرلۇق تۈركىيە جازا قانۇنىدا بەزى ئېغىر جىنايەتچىلەر ئۈستىدىن تۈركىيىدە سوتقا تارتىش ھوقۇقىغا ئىگە."

كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەزلۇملار ئۈچۈن ھەمكارلىق قىلىش جەمئىيىتى تەپتىش مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرزنامىدا، 9 كىشىنىڭ ئىسمى جىنايەتچى جاۋابكار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىر ۋىن جياباۋ، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ، خىتاي ئارمىيە باش قوماندانى چىڭ بىڭدﯤ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى باشلىقى ۋاڭ لىچۈەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قورچاق رەئىسى نۇر بەكرى، خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شېمىن، ئۈرۈمچىدىكى ھەربىي رايون مۇئاۋىن قوماندانى مۇتەللىپ ئەنىۋەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى مۇختار ھەسەن قاتارلىق كىشىلەر جىنايەتچى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەزلۇملار ئۈچۈن ھەمكارلىق قىلىش جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلەردە شۆبىلىرى بار، بۇ تەشكىلات ئاساسلىقى تۈركىيىدىكى ئادۋوكاتلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان تەشكىلات بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى قانۇن ۋە ئادالەتنى ياقىلاپ پائالىيەت قىلىۋاتقان كۈچلۈك تەشكىلات.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.