ئىستانبۇلدا خوجا ئەخمەت يەسەۋى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

ئىستانبۇلنىڭ باغچىلار شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خوجا ئەخمەت يەسەۋى ھەققىدە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. مەزكۇر خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ھەمدە تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن بىر قىسىم ئالىملار ئىشتىراك قىلىپ، ئىلمىي دوكلات بەرگەن.

0:00 / 0:00

يىغىندا تۈركىيە پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت ئەربابلىرى نۇتۇق سۆزلەپ، خوجا ئەخمەت يەسەۋىنىڭ ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.

Xoja-exmet-yasewi-yighinidin-korunush-2-305.jpg

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.