ئاياز تاھىر تۈركىستان ئىدىل- ئۇرال فوندى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىپتار زىياپىتى بەردى

پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار مۇبارەك رامازان ئېيىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان كۈنىمىزدە ، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ تۈرك مۇسۇلمانلارغا ئوخشاشلا شات-خوراملىق ئىچىدە روزى تۇتۇپ ئىپتار زىياپەتلىرىگە قاتناشماقتا.

0:00 / 0:00

روزى ئېيى تۈركىيىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بەرىكەت ئېيى ، توقلۇق ، موللۇق ئېيى دېمەكتۇر. 30 كۈن روزى بۇيىچە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر، ئاممىۋىي تەشكىلاتلار، بايلار، مەشھۇر سەنئەتچىلەر ۋە ھەر قايسى فوندلار نۆۋەت بىلەن كىشىلەرگە ئىپتار زىياپىتى بەرمەكتە.

تۈركىيىدە ئەگەر خالىسىڭىز روزىدا 30 كۈن بۇيىچە ھەقسىز ئىپتار تامىقى يېيەلەيسىز، چوڭ شەھەرلەرنىڭ مەيدان ۋە كوچا دوقمۇشلىرىغا ئىپتار چېدىرلىرى قۇرۇلۇپ ئونمىڭلىغان كىشىگە ئىپتار زىياپىتى بېرىلىدۇ.

22 ‏- سېنتەبىر كۈنى ئاياز تاھىر تۈركىستان ئىدىل- ئۇرال فوندى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىپتار زىياپىتى بەردى. بۇ ئىپتار زىياپىتىگە ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان 150 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى شۇنداقلا تاتار، تۈركمەن، قىرغىز، قازاق ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتناشقان.

بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئۆز ۋەتىنىدىن ، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ تۇيغۇلىرىنى ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.

بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپى ئۇيغۇر دىيارىدا خىتايلارنىڭ دىنىي بېسىمى تۈپەيلىدىن ئىبادەت قىلالمىغانلىقىنى، تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن روزى تۇتۇپ ، ناماز قىلىپ كۆڭۈللىرىنىڭ يورۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىشتى. يەنە بەزى ئوقۇغۇچىلار ئىپتاردىن كېيىنكى دۇئالىرىدا ئاللاھتىن ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى ئېيتىشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، سىلەرگە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.