يىغىن مەركىزى ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ سۇلتان ئەھمەت رايونىغا جايلاشقان تۈرك ئەدەبىياتى فوندىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بايراقدارى، سىياسىي رەھبىرى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىننىڭ ئوغلى ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتۇر ئەخمەت تۈركوز، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى تىبەت يۈجەتۈرك، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل چىنگىز ئەپەندىلەر قاتناشتى.
يىغىنغا يەنە تۈرك ئەدەبىيات فوندىنىڭ مەسئۇللىرى، ياۋرۇپا ئاسىيا - تۈرك جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ساۋاش ئاۋجى ئەپەندى قاتارلىق كۆپ ساندا ئىنسان ھەقلىرى تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئاخباراتچىلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتۇر ئەخمەت تۈركوز ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ياۋرۇپا - ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ساۋاش ئاۋجى ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: " ئوتتۇرا شەرق، بالقان، كاۋكازىيە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك مىللەتلىرى 21 - ئەسىرنىڭ بۈگۈنكى كۈنىدىمۇ قىيىنچىلىق تارتىۋاتقانلىقىنى، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، بۈگۈنكى كۈندە تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىنسانلار ئازاپ چېكىۋاتىدۇ، باستۇرۇلىۋاتىدۇ، قانۇنى ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ يۈرىكىدىن سۇغۇرۇلۇپ ئېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز."
ساۋاش ئاۋجى ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە ئالاقىدار مەسئۇللىرى رەتلىنىپ چىقىپ، ياۋرۇپا - ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ نامىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىغا، ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىغا، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش جەمئىيەتلىرىگە 2008 - يىللىق دوكلات شەكىلدە يوللاپ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندە بولىۋاتقان خەلقلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى ب د ت نىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىنىدۇ."
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بايراقدارى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىننىڭ ئوغلى ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى، "شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى" دېگەن تېمىدا، ئىراق تۈركمەنلىرى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتۇر نەفىي دەمېرچى ئەپەندى، "تۈركمەنلەردە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى"دېگەن تېمىدا، ئافغانىستان تۈركمەنلىرى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇلبەشىر ئالەمى ئەپەندى، ئافغانىستان تۈركمەنلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى"دېگەن تېمىدا، گاگاۋۇز جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى گورگىي ياسسىباش ئەپەندى، "گاگائۇزلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى" دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بايراقدارى ھەم سىياسىي رەھبىرى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىننىڭ ئوغلى ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى، "شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى" دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "ب د ت ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىدە خاتىرىلەش ۋە تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ. بۇ خىتابنامە 1948 - يىلى 10 - دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئارىدىن 60 يىل ئۆتتى، سوغۇق ئۇرۇشلارغا خاتىمە بېرىلدى، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە يۇگوسلاۋىيە پارچىلاندى، يېڭى بىر دۇنيا مەيدانغا كەلدى. ئەمما شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى ھازىرمۇ ئاسارەت ئاستىدا، ئېچىنىشلىق ھالدا تارىخ سەھنىسىدىن ئۆچۈرۈلمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھايات - ماماتلىق ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تېرىشماقتا. خىتاي دائىرىلىرى جەنۋە كېلىشىمنامىسى 49 - ماددىسىغا ئىمزا قىلغان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي بىر خىتاي ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىش مەقسىتىدە، شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈشنى داۋام قىلماقتا، ئارقا - ئارقىدىن توختىماي كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرى سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىققا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ، مىللى مەۋجۇتلۇقى يوق بولۇپ كېتىش ھالاكىتىگە دۈچ كېلىۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇلدا مەجبۇرى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويدى. شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مائارىپ سىياسىتى تەدرىجى ھالدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تىلىنى خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ."
ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان ئاتوم بومبا سىناقلىرى نەتىجىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستاننىڭ لوپنۇر رايونىدا 46 قېتىم ئاتوم بومبىسى سىناق قىلىش نەتىجىسىدە ئەتراپقا تارقالغان رادىئاكتىۋ ماددىلار سۇ ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنى زەھەرلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىنسانلار، ھايۋانلار ھەتتا ئۇچار قۇشلارمۇ ئەكىس تەسىرگە ئۇچرىدى. بۇ زەھەرلىك ماددىلار شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ھەر خىل راك كېسەللەرگە گىرىپتار قىلدى، تەخمىنىلەرگە قارىغاندا شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن ھەر ئون كىشىدىن بىر كىشى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان."
ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆزىدە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنى سىياسىتىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا، شۇئان مەۋجۇت بولغان مەسچىتلەر ئۇيغۇر تۈركلەرنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا يېتىشمەيۋاتىدۇ، يېڭىدىن مەسچىت سېلىش چەكلەنگەن، 18 ياشتىن كىچىكلەرنىڭ مەسچىتتە ناماز ئوقۇشى چەكلەنگەن. دۆلەت كونترول ئاستىدىكى دىنى مەكتەپلەردە ئىسلامىي دەرستىن كۆپ ماركىسىزم، لېنىنىزم ۋە ماۋ پىكىرلىرى ئۆگۈتۈلمەكتە، شۇ سەۋەبتىن ياشلار دىنى چۈشەنچىدىن مەھرۇم بىر شەكىلدە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىدۇ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە سادىق بولمىغان دىنى شەخسلەر ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانماقتا."
ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى ب د ت گە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ يەنە مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستانلىقلار ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى پرىنسىپلىرىنى ئادىل ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئىشەنچىسىنى يوقاتتى، ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى خەلقئاراغا ئۇيغۇن بىر شەكىلدە يۈرگۈزمىگەنلىكىنى، ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئالاقىدار تەرەپلىك بىر قارار ئېلىۋاتقانلىقى، ئىشەنچ ۋە راستچىللىقنى يوقاتقان بىر سەۋىيىگە يەتتى. پۈتكۈل دۇنيادا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆزلىرىنى ئالدانغان، تاشلىۋېتىلگەن ۋە ئۇنۇتۇلغان بىر مىللەتكە ئوخشاش ھېس قىلماقتا، ئۈمىدسىزلىك ۋە غەزەپ نەپرەت ئىچىدە قالغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، تەدرىجى ھالدا شىددەت ۋە توقۇنۇش يوللىرىغا كىرىشكە مەجبۇر بولماقتا، شۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستاندا، تىبەتتە ۋە خىتاينىڭ ئىچ قىسىملىرىدا توقۇنۇش ۋەقەلىرى يۈز بېرىشكە باشلىدى، بۇلار، بېرىشكە تېگىشلىك ھەقنىڭ بېرىلمەسلىكى سەۋەبتىن كېلىپ چىققان ۋە ئارزۇ قىلىنمىغان بىر توقۇنۇشتۇر، بۇ يەردە بىرىنچى نومۇرلۇق جىنايەتچى، قورالسىز ئىنسانلارغا دۇنيانىڭ ئەڭ زامانىۋى قوراللىرى بىلەن ھۇجۇم قىلغان ۋە ئىنسانلارنى ئىنساپسىزلارچە قەتلى قىلغان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىدۇر. ئەسلى تېررورچى، بىگۇناھ ئىنسانلارنى ئانىنىڭ قورسىقىدىكى مەسۇم بوۋاقلارنى ئۆلتۈرگەن كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىدۇر."
ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى يەنە توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: "توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر، پۈتكۈل دۇنيادا ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئادىل ۋە باراۋەرلىك خەلقئارالىق بىر سىستېمىنىڭ دەرھال مەيدانغا چىقىرىلىشى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. خىتاي شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىگە ئىنساندەك ياشاش ھەققى، ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە ئوخشاش ھەق - ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم. ئۇنداق قىلمايدىكەن ئەكسىچە، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىستان، خىتاينىڭ ئىچكى قىسىملىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەدرىجى بىر شەكىلدە چوڭ بىر داۋالغۇش ۋە تۇراقسىزلىقنىڭ يۈزلىنىشىگە دۇچ كېلىدۇ، بۇنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئاساسلىقى خىتاي سەۋەبچى بولىدۇ."