بۇ كۈندە خۇشاللىقىنى ئىپادىلەپ بايرام پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارچۇ؟ گەرچە ئۇيغۇرلارمۇ 20 - ئەسىردە ئىككى قېتىم دۆلەت قۇرغان بولسىمۇ دۇنيانىڭ سىياسى يۆنىلىشى تەتۈر كېلىپ بۇ دۆلەتلەر تاشقى كۈچلەرنىڭ قارشىلىقى بىلەن يىمىرىلىپ كەتكەن. شۇنداقتىمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ تارىخىي كۈننى ھەر يىلى قايغۇلۇق ئىچىدە خاتىرىلەپ يىغىن ۋە مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.
2008 - يىلى 9 - نويابىر يەكشەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 1933 - يىلى 12 - نويابىر قەشقەردە ۋە 1944 - يىلى 12 - نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىگە يېقىن ئەتراپقا جايلاشقان ۋافا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى، دوكتۇر، پروفېسسورلار، تەتقىقاتچىلار، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققۇچى ۋە كۆڭۈل بۆلگۈچى شەخسلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر - قازاقلار بولۇپ جەمئىي 500 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.
مۇراسىمدا ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال مەھمەترىزا بېكىن ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. مۇراسىمغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئابدۇلقادىر دونۇك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.
مۇراسىمدا بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇرى ئابدۇلخالىق چاي ئەپەندى "شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەققىدە چۈشەنچە" دېگەن تېمىدا، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى " 20 - ئەسىردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ تارىختىكى ئەھمىيىتى" دېگەن تېمىدا، باغچەشەھەر ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ھەسەن كونى ئەپەندى" ۋەزىيەتتىكى يېڭىلىقلار سايىسىدا شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى "دېگەن تېمىدا، ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت " ئەڭ ئاخىرقى دۇنيا مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى "دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئابدۇلخالىق چاي ئەپەندى "شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەققىدە چۈشەنچە" دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قانۇن، ھوقۇق ۋە ئاتوم - يادرو قۇللارغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن دۆلەتنى كۈچ بىلەن ئىدارە قىلىپ كەلمەكتە. خىتايدا ئۈچ مۇھىم رايوننى كۆرۈۋاتىمىز، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، تىبەت مەسىلىسى ۋە ئىچكى موڭغۇل مەسىلىسى، ھەمدە خىتاي ۋە تەيۋەندىكى رېجىمگە قارشى چىققان گۇرۇپپىلارنىڭ پائالىيەتلىرى، بۇ پائالىيەتلەردىن بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان پائالىيەت قايسى؟ ئەلۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، قىممەتلىك قېرىنداشلىرىم، بىر ئاز ئىلگىرى قېرىنداشلىرىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ياقۇپبەگ دەۋرىدىن ئېتىبارەن سىياسى پائالىيەتلەر 1933 ۋە 1944 - يىللاردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى."
پروفېسسور دوكتور ئابدۇلخالىق چاي ئەپەندى خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش مەقسىتىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن خىتايلارنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلمىي پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: "ئاسىيانىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ ھېسابلىنىدىغان خىتاينىڭ كونتروللۇقىدا بىر ئۇيغۇرىستان رايونى ئۇيغۇر ئىلى رايونىمىز بار. بۇ رايوندا خىتاي يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلەرنى سۆزلەپ ئۆتىمەن، بۇ رايوندىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ۋەقەلەردىن بىرى خىتاي نوپۇسىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈشكە تەشۋىق قىلىش ۋەقەسىدۇر، خۇسۇسەن خىتاي پىلانلىق ھالدا 1949 - يىلدىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ كەلمەكتە، ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ سانى 300 مىڭ ئىدى بۈگۈن 7 مىليونغا يەتتى. ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرى ھەر كۈنى 7 مىڭ نەپەر خىتاينى شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا، خىتايلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئەۋەتىلمەكتە."
پروفېسسور دوكتور ئابدۇلخالىق چاي ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: " 1992 - يىلى سېنتەبىردىن خوڭكوڭدا نەشىر قىلىنغان بىر جۇرنالدا خىتاي خەلق كومىتېتىنىڭ بىر مەخپى ھۆججىتى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ھۆججەتتە ئۆتكەن 2000 يىلغىچە يەنە 5 مىليون خىتاينى شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن سىرت خىتاي ئارمىيىسىگە قاراشلىق بىڭتۈەن ئەسكەرلىرى بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەن جىنايەتچىلەرنى جازالاپ ئەمگەككە سېلىش مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرىغا ئەكىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۈگۈنكى كۈندە خىتايدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرىغا يۆتكىگەن خىتاي جىنايەتچىلەرنىڭ سانى 50 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ جىنايەتچىلەردىن جازاسى توشقانلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاھالىسى ھېسابلىنىپ ئوخشىمىغان رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا. بۇ شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىتايلارنىڭ سانىنىڭ 1 مىليوندىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. 1953 - يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ جەمئىي سانى %75 پىرسەنتنى ئىگىلەيتتى. بۇ 1982 - يىلى تۆۋەنلەپ %55 گە چۈشۈپ قالدى. 1990 - يىلىدا يەنە تۆۋەنلەپ ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن %40 پىرسەنتكە چۈشتى. ئىگىلىشىمىزچە شەرقىي تۈركىستاندا بۈگۈن خىتاينىڭ 500 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەرلىرى مەۋجۇت. خىتاي بۇ رايوندىكى تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش ئۈچۈن خىتايلارنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى توسالغۇسىز ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ كەلمەكتە."
مۇراسىم ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باشلىقى مەھمەت رىزابېكىن ئەپەندى مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغان ۋافا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى سابىر ئەپەندى، پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇلخالىق چاي ئەپەندى، پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى ئەپەندى، پروفېسسور دوكتور ھەسەن كونى ئەپەندى ۋە پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى قاتارلىق شەخسلەرگە مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغانلىقىغا تەشەككۈر بىلدۈرۈپ تەبرىكنامە تەقدىم قىلدى.
ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە تاماق زىياپىتى بېرىلگەندىن كېيىن مۇراسىم كۆڭۈللۈك ئاخىرلاشتى.