ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كېچىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىلمۇ ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 'مەدەنىيەت كۈنلەر' نامىدا، تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن زەيتىنبۇرنۇغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان خەلقلەرنىڭ، ئۆز ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىشى، بىر ‏- بىرىنىڭ ئۆرپ ‏- ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشى ئۈچۈن ھەر خىل مەدەنىيەت ۋە سەنئەت پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

بۇ پائالىيەتكە زەيتىنبۇرنۇدا پائالىيەت قىلىۋاتقان 18 ئاممىۋى تەشكىلات ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلاردىن ھەر بىرى ھەر كۈنى نۆۋەت بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى، ئەنئەنىۋى سەنئەتلىرىنى نامايەن قىلىپ پائالىيەت كۆرسەتمەكتە. شۇ جۈملىدىن 2010 ‏- يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 24 ‏- كۈنى زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق يىغىن زالىدا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كېچىسى نام ئاستىدا قازاقلارنىڭ مەدەنىيەت ‏- سەنئەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى. بۇ پائالىيەت 2010 ‏- يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى باشلانغان بولۇپ 30 ‏- كۈنىگىچە 18 كۈن داۋام قىلىدىكەن.

ئۇ پائالىيەتكە، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى گۆكخان قاساپ، ئىلياس ساكا، ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ‏، قازاقلاردىن ئەر ‏- ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

پائالىيەتكە يەنە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى، سائادەت پارتىيىسى، تۈركىيە پارتىيىسى قاتارلىق تۈركىيە سىياسىي پارتىيىلىرىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ۋەكىللىرى ۋە زەيتىنبۇرنۇدا پائالىيەت قىلىۋاتقان 18 ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى.

Istanbulda-Sherqiy-Turkistan-medeniyet-kechisi-tamishibinlar-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ. (RFA Photo / Arslan)

پروگرامما ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى ۋە شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياقۇپجان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: "ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم خەزىنىسىدۇر، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان ئۇنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى. تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە، مىللىي يادىكارلىقىلىرىغا ئىگە چىقمىغان ھەر قانداق مىللەت يوق بولۇپ كېتىدۇ. مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق شۇ خەلقنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە مەدەنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈش، جانلاندۇرۇش ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت كېچىسىنىڭ بىرلىك باراۋەرلىك، دوستلۇق قېرىنداشلىق، تىنچلىق ئىچىدە ئۆتىشىنى ۋە بۇ كېچىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا، ئىسلام دۇنياسىغا ۋە پۈتكۈل ئىنسانلارغا خۇسۇسەن خىتاي ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ياخشىلىق ئېلىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن."

پروگراممىغا تەكلىپ قىلىنغان سەنئەتچىلەر قازاق ۋە تۈرك تىللىرىدا ماناس داستانىدىن پارچە قاتارلىق بىر قانچە پارچە ناخشا ‏- مۇزىكا تەقدىم قىلدى. ئۇيغۇرچە ئورۇنلانغان "گۈلمەرەم" قاتارلىق ئۇسۇللۇق ناخشا - مۇزىكا پروگرامما ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. پائالىيەت جەريانىدا يەنە "سۈرگۈن ۋە ئۆلۈم" ناملىق فىلىم كۆرسىتىلدى.

پائالىيەت ئاخىرىدا زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن ئەپەندى سۆز قىلدى ۋە بۇ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ھەر خىل مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ ئادەتلەرنى تونۇشتۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى قاتارلىق 18 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرىغا شەرەپ تاختىسى تەقدىم قىلدى.

مۇراد ئايدىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "8‏ يىلىدىن بىرى زەيتىنبۇرنۇدا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز، بۇ يەردىكى 18 ئاممىۋى تەشكىلات بىلەن بىرلىكتە زەيتىنبۇرنۇغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. گۈزەل ۋەتىنىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى جانلاندۇرۇش ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا ئۆگىتىش، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىزنىڭ تۈپ مەنبەسى بولغان مەدەنىيىتىمىزنىڭ كەڭ تارقىلىشى ۋە ئۇنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتە زەيتىنبۇردىن باشلاپ تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بۇ يەر تۈركىيىدىكى مەدەنىيەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ يەردىكى قېرىنداشلار ۋە ئۇلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن زەيتىنبۇرنۇ خەلقى، شەرقىي تۈركىستانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بالقانلارغا، رۇمەلىگە ۋە تۈركىيىنىڭ 81 شەھىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز ئاي يۇلتۇزلۇق بايراققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ يەردە رۇمەلى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار بىلەن ئوخشىمىغان شەھەرلەردىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان قېرىنداشلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ كېچە بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈرك دۇنياسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قېرىنداشلار بىلەن ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتى بولدى، بۇنىڭدىن مەمنۇن بولدۇم. مەدەنىيەتلەرنى تونۇشتۇرۇشتا، تارقىتىشتا تۆھپە قوشقان پۈتكۈل قېرىنداشلارغا تەشەككۈر ئېيتىمەن."

بىز، پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىك ھەيئەت مەسئۇللىرىدىن ئارۇف مەرگەن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئارۇف مەرگەن ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: "بۈگۈن بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان خەلقى زۇلۇم ۋە بېسىم ئاستىدا قالغان بولسىمۇ، مۇشۇنداق گۈزەل بىر مەدەنىيەت بىلەن ياشىغان خەلق ئىكەنلىكى بۇ يەردىكى ئىنسانلارغا بىلدۈرۈلدى، ھەقىقەتەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەتكە باي بىر ئۆلكە. بۇ خىل پروگراممىلار كىشىلەرنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ يەردە پەقەت مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇلدى، ئەمما ئىنسانلار بۇنى بىلگەندىن كېيىن ئىنتېرنېت ياكى باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركسىتان ھەققىدە ئۇچۇر ئىزدىگەندە ئۇ يەردە يۈز بەرگەن بېسىم، زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقنى بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا بولغان چۈشەنچىسى ئۆزگىرىدۇ ۋە ۋاقتى كەلگەندە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن قارشىلىق ئوتتۇرىغا قويىدىغان ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى كۆپىيىدۇ. بۇ خىل پائالىيەتلەر تېخىمۇ كۆپ ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركىستانغا تارتىش ئۈچۈن بۇ خىل پائالىيەتلەر ئەھمىيەتلىك دەپ قارايمەن."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.