ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010.06.10
2010.06.10
RFA Photo / Arslan
يىغىنغا، شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرىگە ئەزا بولغان 8 شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ 17 كىشى قاتناشتى.
ئۆتكەن ئايدا تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان 8 شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتى بىرلىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى دېگەن بىرلەشمىنى قۇرغان ئىدى.
بىز بۇ قېتىمقى يىغىن ھەققىدە، يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يىغىننىڭ ئاساسلىقى مۇددىئاسى ئالدىنقى قېتىم شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئېلىنغان قارارلارنىڭ قانچىلىك ئىجرا قىلىنغانلىقى ۋە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈشتىن ئىبارەت.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.