ئىستانبۇلدا مۇساپىرلار مەسىلىسى يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە ياۋرۇپا بىلەن ئاسىيانىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن ئەڭ كۆپ پانالىق تىلىگۈچىلەر كېلىدىغان بىر دۆلەت. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇساپىرلار قانۇنىدا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوبۇل قىلماسلىق دەپ بەلگىلەنگەن.

0:00 / 0:00

شۇڭا تۈركىيىگە كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ كۆپى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىغا ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، ئۈچۈنچى بىر دۆلەتكە كېتىش ئۈچۈن ساقلايدۇ. بۇ جەرياندا مۇساپىرلار نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولماقتا. بۇ مۇساپىرلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار. بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەش مەقسىدى بىلەن 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدىكى ئەرەسىن مېھمانخانىسىدا `مۇلتەجىلىك سەمپوزيۇمۇ` يەنى `مۇساپىرلىق يىغىنى` چاقىرىلدى.

بۇ يىغىنغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە ۋەكىلى مىشەل گائۇدە، ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى باشلىقى ئادۋۇكات بۈلەنت يىلدىرىم، تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزاسى جەمال يىلماز دېمىر قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. يىغىندا يەنە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. كەمال كىرىشچىئوگلى `مۇساپىرلىق ئۇقۇمۇ ۋە ئۇنىڭ تارىخى` تېمىسىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىستانبۇل ۋەكىلى فۇئات ئۆزدوگرۇ ئەپەندى بولسا دۇنيادىكى مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە تۈركىيىنىڭ رولى تېمىسىدا، ئادۋۇكات تانەر قىلىچ ئەپەندى بولسا، `تۈركىيە قانۇنىدىكى مۇساپىرلىق ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى` تېمىسىدا سۆز قىلدى.

بۇلاردىن باشقا تۈركىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى تۈركىيىدىكى مۇساپىرلارنىڭ مەسىلىلىرى ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1000 غا يېقىن كىشى قاتناشقان بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ تەشكىلاتى مەسئۇللىرى ۋە كۆپ ساندا ئۇيغۇر مۇساپىرلار قاتناشتى. بۇ يىغىندا مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە ناھايىتى مۇھىم پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ يىغىننى تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسى ئورتاقلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىننىڭ ئاخىرىدا تۈركىيىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەرگە ئىلتىماس قىلىپ باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشنى كۈتۈۋاتقان چېچەن، بوسنىيەلىك، ئىراقلىق، پەلەستىنلىك ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى. ئۇلار ئۆز دۆلەتلىرىدىكى سىياسى ئىقتىسادىي بېسىملار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مۇساپىر يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بېسىمىنى ئاڭلاتتى. بىز بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ بۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن مىكروفونىمىزنى ئۇلارغا ئۇزاتتۇق.