5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2011-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ نامايىش قىلدى.

بۇ نامايىش مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ نامايىشقا ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي ۋە ئاقساراي قاتارلىق رايونلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

نامايىشچىلار 6 دانە ئاپتوبۇس ۋە بىر قانچە كىچىك ماشىنىلار بىلەن يۈرۈپ خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا جەم بولدى. نامايىش تۈركىيە ۋاقتى سائەت 12:00 دە باشلاندى. نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تۈرك بايراقلىرى كۆتۈرگەن بولۇپ، بەزى نامايىشچىلار قوللىرىدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى كۆرسىتىلگەن چوڭ ھەجىملىك سۈرەتلەرنى كۆتۈرگەن ئىدى. نامايىشچىلار تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلىدى.

Istanbulda-namayish-5-iyul1-385.jpg
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش. 2011-يىلى 5-ئىيۇل. (RFA/Arslan)

نامايىش مەيدانىغا كۆپ ساندا رادىئو-تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىمۇ كەلگەن بولۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى 5‏-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار تەييارلىغان باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا ساقچىلارنىڭ رۇخسەت قىلىشى بىلەن 5 ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا ۋاكالىتەن خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دەرۋازىسىغا قاراچەمبىرەك قويدى. تۈركىيىدە قاراچەمبىرەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەنلەرنى ئەيىبلەپ قويۇلىدۇ. نامايىش ئاخىرىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە شېھىت بولغانلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىندى.