نامايىشقا، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان تۈركلەر ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتناشتى. نامايىش تۈركىيە ۋاقتى سائەت 12 دە باشلاندى. نامايىشچىلار قوللىرىدا "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر ھەم ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا، ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا يېتىپ كېلىپ شوئارلار توۋلاشتى.
نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا بىردەك "شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان!"، "ھەق - ھوقۇق، ئادالەت، تۈركىستانغا ھۆرىيەت!"، "قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!" دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار توۋلىدى.
نامايىش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تىبەت يۈجەتۈرك ئەپەندىلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا بايانات ئېلان قىلدى. نامايىشقا كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت مۇخبىرلىرىمۇ كەلدى.

تىبەت يۈجەتۈرك ئەپەندى سۆزىدە مۇنداق دېدى: "61 يىل ئىلگىرى مۇستەقىل تۈرك يۇرتى بولغان، ئەمما خىتاينىڭ ئىشغال ئاستىدا قالغان، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا ئەڭ ئېغىر پاجىئەلەرنىڭ مەركىزى بولغان شەرقىي تۈركىستان: 61 يىلدىن بىرى خىتاي زۇلۇمىغا قارشى كۈرەش قىلغان، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلەرگە قاراش كۆكرەك كىرىپ تىك تۇرۇشنى بىلگەن، ھۆر دۇنياغا 'بىزمۇ بار ' دەپ نىدا قىلغان بىر شەرقىي تۈركىستان. بۈگۈن بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ماتەم كۈنى. دۇنيا يارىتىلغاندىن باشلاپ بىزگە تەۋە بولغان تۈركلەرنىڭ ئانا ۋەتىنىدە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئەڭ ئاخىرىدا 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى ۋە بۇ ئىشغالىيەت كۈنى يەنى '1 - ئۆكتەبىر بايرام كۈنى ' دەپ ئېلان قىلىندى. 61 يىلدىن بىرى مۇستەقىللىق كۈرىشىمىز توختىماي داۋام قىلماقتا."
تىبەت يۈجەتۈرك سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "مۇشۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، غۇلجا، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق شەھەرلىرىمىزدە، پۈتكۈل دۇكانلار ئېتىلگەن، يوللار بوش، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تۈرمىلەردە قامالغانلىقى ئۈچۈن، كوچىلاردا بولسا ياشانغان چوڭ ئانىلار، تۇل قالغان ئاياللار. كوچىلاردا يەنە نۆۋەت بىلەن چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ئەسكەر ۋە ساقچىلىرى قورقۇنچ ئىچىدە ئايلانماقتا. ھەممە يەر ئەسكەرلەر بىلەن تولغان. تانكىلار، مەرگەنلەر بۇيرۇق كۈتۈپ دىققەتتە تۇرماقتا. شەرقىي تۈركىستان ئاسمانلىرىدا بولسا خىتاي تىكئۇچارلىرى ئۇچۇپ يۈرمەكتە. ياشىسۇن ئەركىن ياشاش ئىرادىمىز! شەرقىي تۈركىستان ھەرگىزمۇ تەسلىم بولمىدى ۋە بولمايدۇ. يا ھۆر ياشايمىز؛ ياكى بۇ يولدا ئۆلىمىز!"
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.