ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى

2009 ‏- يىلى 10 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدا خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

0:00 / 0:00

نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر ‏- ئايال بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى، نامايىش تۈركىيە ۋاقتى سائەت 12 دە باشلانغان بولۇپ نامايىشچىلار قوللىرىدا 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن رەسىملەر ھەم ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا يېتىپ كېلىپ شوئارلار توۋلاشتى.

نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا بىردەك "شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان!" "ھەق - ھوقۇق ، ئادالەت تۈركىستانغا ھۆرىيەت!" دېگەنگە ئوخشاش شوئار توۋلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.