0:00 / 0:00
بۇ يىغىندا ناسا مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق، ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوتسېنت دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ۋە بەزى رۇسىيە مۇتەخەسسىس، تارىخچىلىرى سۆز قىلدى.
بۇ يىغىننى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىرلىكى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئورتاقلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىنغا تۈركلەر ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتناشتى.
بۇ يىغىندا ئاساسەن ئۈچ ئەسىرلىك رۇسىيە، خىتاي ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسى ئىستراتېگىيىسى ۋە بۇ ئىستراتېگىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىگە بولغان تەسىرى بايان قىلىندى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.