ئىستانبۇلدا خەلقئارالىق 'ئۇرال ‏- ئالتاي تىللىرى قەلەمكەشلەر بىرلىكى' يىغىنى باشلاندى

خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىگە ئەزا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بىلەن تۈركىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدا "ئۇرال ‏- ئالتاي تىللىرى قەلەمكەشلەر بىرلىكى" ناملىق يىغىن 2009 ‏- يىلى 8 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى رەسمىي باشلاندى. بۇ يىغىن ئىستانبۇلدىكى ئوسمان ئابىدىسى مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

يىغىن 8 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنىدىن 29 ‏- كۈنىگىچە 5 كۈن داۋام قىلىدىكەن. يىغىنغا خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىگە قاراشلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قەلەمكەشلەر مەركەزلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

يىغىنغا، كانادا، ئاۋسترالىيە، شىۋىتسىيە، گوللاندىيە، فىنلاندىيە، ئەزەربەيجان، تاتارىستان، موڭغۇلىستان قاتارلىق 43 دۆلەتتىن قەلەمكەشلەر مەركەزلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىنغا ئەزالىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ ئەزالىرىدىن 15 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرلار ئىشتىراك قىلدى. يىغىنغا يەنە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىگە ئەزا بولمىغان تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن قەلەمكەشلەر تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلدى.

يىغىنغا تۈركىيە قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ باشلىقى تارىق گۈنەرسەل ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ باشلىقى قەيسەر ئۆزخان، قىرغىزىستان قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ باشلىقى دالمىرا تىلەپبەرگەنوۋا، خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ باش كاتىپى ئىيۇگېنە سچولگىن، خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ رايونلۇق پىلانلار دىرېكتورى فرانك گېرىي ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئۇرال ‏- ئالتاي تىللىرى تەۋەسىگە مەنسۇپ قەلەمكەشلەر مەركەزلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئوتتۇرا ئاسىيادا يېزىقچىلىق ۋە ئوقۇش ئەركىنلىكى شۇنداقلا ئىپادە ئەركىنلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭىدىن قەلەمكەشلەر مەركەزلىرى قۇرۇش جەھەتتە قەدەم بېسىش ئىكەن.

يىغىننىڭ 2 ‏- كۈنى چۈشتىن كېيىن، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئىستانبۇل ۋالىيىسنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ۋالىينى زىيارەت قىلدى ۋە ئىستانبۇل ۋالىيسى ئوسمان گۈنەش ئەپەندى قەلەمكەشلەرنى ۋالىيلىق بىناسىدا قارشى ئالدى ۋە سەمىمىي سۆھبەتلەشتى. ۋالىي ئوسمان گۈنەش سۆز قىلىپ، خەلقئارا قەلەمكەشلەر يىغىنىنىڭ ئىستانبۇلدا ئېچىلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى قەلەمكەشلەرنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە بۇ يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۆھبەت جەريانىدا، ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ باشلىقى قەيسەر ئۆزخان ، خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ رايونلۇق پىلانلار دىرېكتورى فرانك گېرىي قاتارلىق بىر قانچە قەلەمكەشلەر بىر بىرلەپ سۆز قىلىپ ئىستانبۇل ۋالىيىسىغا بۇ يىغىننى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكى ۋە ۋالىيلىق بىناسىغا تەكلىپ قىلىپ قوبۇل قىلغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تەشەككۈر ئېيتتى. سۆھبەت ئاخىرىدا قەلەمكەشلەر ئىستانبۇل ۋالىيسى ئوسمان گۈنەش ئەپەندى بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.

ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى 2005 ‏- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 2008 ‏- يىلى كولۇمبىيە ئېچىلغان 74 ‏- نۆۋەتلىك خەلقئارا قەلەمكەشلەر يىغىنىدا رەسمىي ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغان.

يىغىن جەريانىدا يەنە ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھەر خىل دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىك يىغىنىمۇ ئوسمان ئابىدىسى مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا ياپونىيە قەلەمكەشلەر مەركىزى بىلەن قىرغىزىستان قەلەمكەشلەر مەركىزى كېلەر يىللىق يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.