دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار سەيلىگە چىقتى

2010 ‏- يىلى 6 ‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنى دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئىستانبۇل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە ياشاۋاتقان مۇساپىرلار ئۈچۈن دالا سەيلىسى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

0:00 / 0:00

دالا سەيلىسى پائالىيىتىگە ئۇيغۇر، چېچەن، بوسنىيىلىك ۋە ئىراق تۈركلىرى قاتارلىق مىللەتلەردىن ئىستانبۇلدا كۆچمەن بولۇپ ياشاۋاتقان كىشىلەر تەكلىپ قىلىنغان. ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ تۆت چوڭ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ دالا سەيلىسىگە چىقتى.

دالا سەيلىسى پائالىيىتى ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ باغچىلار رايونىدىكى بېلگراد ئورمانزارلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە ھەر خىل پروگراممىلار ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۆسمۈر بالىلار ئۇيغۇر ۋە تۈرك تىلىدا شېئىر ھەم ناخشا ئوقۇدى، ھەر خىل ئويۇنچۇقلار ئوينىدى، ئېگىزگە چىقىش، سەكرەش، سىرىلىش قاتارلىق ئويۇنلارنى ئويناپ خۇشاللىققا چۆمدى.

بىز بۇ دالا سەيلىسى ھەققىدە پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياشار قۇتلۇئاي ئەپەندى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سۇئال:

ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ بۇ دالا سەيلىسى پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى ئاساسىي مەقسىتى نېمە؟

جاۋاب:

"بۈگۈن ياشاۋاتقان دۇنيانى ھەم تەرەققىي قىلغان ھەم زامانىۋىلاشقان دۇنيا دەۋاتىمىز، ئەمما ۋەھشىيلىك ئومۇملاشقان بىر دۇنيانى كۆرۈۋاتىمىز. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا ھاكىم كۈچلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىك، سۈرگۈن قىلىش، بېسىم ئىشلىتىش دۇنيادا مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ كۆچمەن ‏- مۇساپىر بولۇشىغا سەۋەب بولدى. بۇ ھەقتە مەيلى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولسۇن، مەيلى ئاھىسكا تۈركلىرى بولسۇن، دۇنيانىڭ تۆت ئەتراپىدا مىليونلىغان ئىنسانلار كۆچمەن بولۇپ ياشاۋاتىدۇ، رەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيىدە ھازىر 20 مىڭغا يېقىن كۆچمەن ياشاۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت تىزىملاتمىغانلارنى ھېسابلىغاندا 50 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن ياشىماقتا، تۈركىيىدە رەسمىي يول بىلەن كەلگەن ياكى قېچىپ كەلگەن نۇرغۇن كۆچمەن قېرىنداشلىرىمىز بار، بۇلار تۈركىيىگە ھىجرەت قىلدى، بۇلار ئۆزى ياشىغان دۆلەت ‏- رايونلاردا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن، قەتلىئام ئىچىدە قالغان، ئۇرۇشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئىنسانلار. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا خىتاينىڭ ئىشلىگەن زۇلۇمىنىڭ ھەددى ‏- ھېسابى يوق، بۇنى ئاڭلىتىش قىيىن، بۇ قېرىنداشلىرىمىز بۈگۈن بۇ يەرگە جەم بولدى، ئۇلارنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلىرىنى ئازراق بولسىمۇ يېنىكلىتىش ۋە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر يەرگە جەم قىلىپ ئۇلارنىڭ دەرتلىرىگە دەرمان بولۇش، ئۇلارغا تەسەللى بېرىپ ئۇلارنىڭ روھى كەيپىياتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە ھەر يىلى كۆچمەن ‏- مۇساپىرلار دالا سەيلىسى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، بۇ سەيلىگە 500 دىن 600 گىچە كۆچمەن قېرىنداشلىرىمىزنى دەۋەت قىلدۇق، بۈگۈن بۇ مەقسەتتە بۇ يەرگە كۆچمەن قېرىنداشلىرىمىزنى جەم قىلدۇق، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل ئويۇنچۇق ئويناتتۇق، ئۇلارنى بىردەم بولسىمۇ بېشىدىن ئۆتكەن كۆڭۈلسىزلىكلەردىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ خىل پائالىيەت ئۇيۇشتۇردۇق."

سۇئال:

ھۆرمەتلىك ياشار ئەپەندىم، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق خىزمەت پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؟

جاۋاب:

"ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا نىسبەتەن ئېلىپ بېرىۋاتقان جىددىي خىزمەتلىرى مەۋجۇت، تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىۋاتىمىز، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق كۆچمەن قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن مەيلى سالامەتلىك جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى تۇرمۇش جەھەتتىن بولسۇن ئۇلارغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتىمىز، يېمەك جەھەتتە، قۇربانلىق قىلىشتا ۋە باشقا جەھەتلەردە ياردەم قىلىۋاتىمىز، ئەمما بۇلار ماددىي ياردەم ھېسابلىنىدۇ، ئەڭ مۇھىم بولغىنى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاپ ئۇلارنىڭ يېنىدا بولۇش، بىز ھەر زامان ئۇلارنىڭ يېنىدا، مەيلى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن بولسۇن، مەيلى دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىن كەلگەن بولسۇن، ئۇلارغا ياردەم قىلىمىز، چۈنكى ئۇلار مۇھاجىرلار، بىز ئەنسارىيىلار يەنى ياردەم قىلغۇچى، قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاد بولۇشىنى خالايمىز، ھۆر بىر شەكىلدە بىزمۇ ئۇ يەرگە بېرىشنى ۋە ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۇچرىشىشنى خالايمىز، بىرلىكتە باراۋەرلىك ئىچىدە ئىلگىرىكى كۈنلەرگە قايتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىۋاتىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت ‏- پائالىيەت قىلىۋاتىمىز."

سوئال:

دېمەكچى بولغان باشقا سۆزىڭىز بارمۇ؟

جاۋاب:

"زۇلۇم ھېچقاچان داۋام قىلمايدۇ، زۇلۇم بىر شەكىلدە توختايدۇ، ھەر زۇلمەتنىڭ بىر يورۇقلۇقى بار، كەچ بولغان بولسا تاڭ ئېتىشنىڭ نىشانى دېمەكتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا چوقۇم تاڭ ئاتىدۇ، كۈن چىقىدۇ، بۇنى پات يېقىندا كۆرىمىز، بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى ياخشى بىلىمىز، بۇ قىلمىشلىرى يەردە قالمايدۇ، پۈتكۈل دۇنيا خىتاينىڭ قانچىلىك زالىم ئىكەنلىكىنى، قانچىلىك جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار ھەقسىز بولسىمۇ ئاخبارات ۋاسىتىسى ئارقىلىق، پۇل ‏- ئىقتىساد كۈچى ئارقىلىق، ئۆزلىرىنى ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سالماقتا، بۇ ئىش دەل ئەكسىچە بولىدۇ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تۆۋەنلەشكە باشلىدى، ھېچقاچان بۇ شەكىلدە داۋام قىلمايدۇ، مەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇشاشماسلىقىنى، چوقۇم پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن."

ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، دۇنيادىكى مۇساپىرلار ۋە ئۇلار ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەر ھەققىدە بايان قىلىنغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈپ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدە مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ 2 مىليوندىن ئارتۇق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

كۆچمەن مۇساپىرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ۋە بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 2000 ‏- يىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىنغان قارار بىلەن ھەر يىلى 6 - ئاينىڭ 20 ‏- كۈنى دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.