يىغىنغا، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سىيىت تۈمتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە باش كاتىپ دوكتۇر ئالىمجان، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ۋەكىلى مەمەت ئەيسا ئارتۇش ۋە ئالىمجان قارلۇق، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياقۇپجان ۋە باش كاتىپ دوكتۇر فەتھى ئەخمەت، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ پەخرىي رەئىسى ئارسلان ئالىپتېكىن ۋە تىبەت يۈجەتۈرك، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل چىنگىز قاتارلىق مەسئۇللار قاتناشتى.
يىغىندا تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ قوبۇل قىلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى نامى ئاستىدا بىرلىكتە خىزمەت قىلىش قارار قىلىندى. يىغىندا يەنە، ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن 7 - ئايدا تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان خىزمەت ۋە پائالىيەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىندا يەنە ، شەرقىي تۈركىستان خىزمەت كومىتېتى قۇرۇلدى. بۇ كومىتېتقا تۈركىيىدە، شەرقىي تۈركىستان نامى ئاستىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئالتە تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىرى دائىمىي ئەزالىققا سايلاندى.
يىغىندا يەنە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيىدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ۋە خەلقئارا مەسىلىگە ئايلاندۇرۇشتا، بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان پۈتكۈل يىغىن، مۇراسىم، نامايىش ۋە بايانات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى قارار قىلىندى.
بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان مەسئۇللار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.