بۇ پروگرامما زەيتۇنبۇرنۇ رايونلۇق خىزمەت بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پروگراممىنى ماۋى قارادېڭىز تېلېۋىزىيەسىدە سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىپ كەلمەكتە.
بۇ پروگرامما مۇناسىۋىتى بىلەن 2008 - يىلى 22 - ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنى تۈركىيە ۋاقتى كەچ سائەت 20:00 دىن 22: 00 گىچە زەيتۇنبۇرنۇ خىزمەت بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا "تۈركىستان مەدەنىيەت كېچىسى" پروگراممىسى ئۆتكۈزۈلدى.
پروگراممىنى زەيتۇنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن قازاق تۈركلىرى ۋەخپى ئۇيۇشتۇردى. پروگراممىغا ئىستانبۇل مۇئاۋىن ۋالىسى مۇستافا ئالتۇنتاش، زەيتۇنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن ئەپەندى، مۇئاۋىن باشلىقى ئايدىن چىغرىقچى، باش مەسلىھەتچىسى ئىلياس ساكا، زەيتۇنبۇرنۇ رايونلۇق مائارىپ نازارىتى باشلىقى مەھمەت قاراجى ئەپەندى ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايۇتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى باشلىقى ئەخمەت تۈركوز ئەپەندى، خوجا ئەھمەت يەسەۋى ئىلىم ۋە ئىرفان ۋەخپى رەئىسى ئابدۇراھمان جەۋھەر، قازاق - تۈركلىرى ئىجتىمائىي ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سۇلايمان ئۆزتۇپراق، ئافغانىستان تۈركمەنلەر ئىجتىمائىي ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ھاجى رەجەپ تۈرك ئوغلى، ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ۋە ئىنسانىي ياردەملىشىش ۋەخپىنىڭ ۋەكىلى ئابدۇللاھ چاي، زەيتۇنبۇرنۇ رايونلۇق ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان قازاق - ئۇيغۇر بولۇپ جەمئىي 700 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.
پروگراممىغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، پروگراممىدا ئىستانبۇل مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇستافا ئالتۇنتاش ئەپەندى، زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن ئەپەندى باش مەسلىھەتچىسى ئىلياس ساكا ئەپەندى قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلىپ تۈركىستان ئازراق ۋە ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە توختالدى. پروگراممىنى ماۋى قارا دېڭىز تېلېۋىزىيىسى سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىستانبۇل تايمىز، زەيتۇنبۇرنۇ خەبەر قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
پروگراممىدا ئىستانبۇل رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن ئەپەندى سەھنىگە چىقىپ ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى ھەمدە ، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەخمەت تۈركوز، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، قازاق تۈركلىرى ۋەخپى باشلىقى، ئەخمەت يەسەۋى ئىلىم ۋە ئىرپان ۋەخپى باشلىقى ئابدۇراخمان جەۋھەر، قازاق - تۈركلىرى ئىجتىمائىي ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سۇلايمان ئۆزتۇپراق، قاتارلىق شەخسلەرنى سەھنىگە تەكلىپ قىلدى. ھەمدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئىش - پائالىيەتلىرىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئەھۋال سورىدى.
پروگراممىدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك ، ئازەر قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان بىر سەنئەت ئۆمىكى ناخشا - مۇزىكا ئورۇنلىدى. سەنئەتچىلەر ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ۋە تۈرك تىللىرىدا ماناس داستانىدىن پارچە قاتارلىق بىر قانچە پارچە ناخشا - مۇزىكا ئورۇنلىدى. ئۇيغۇرچە ئورۇنلانغان "قەمبەرخانىم" قاتارلىق بىر قانچە پارچە ناخشا - مۇزىكا پروگرامما ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، ئۇيغۇر سەنئەتچى پەرھات تەڭرىتاغنىڭ ئورۇنلىشىدا ئامان بولسۇن دېگەن ناخشا تەقدىم قىلىندى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ، "ئالتۇن تارتايمۇ كۆمۈشمۇ" قاتارلىق چاتما ئۇسۇللۇق ئۇيغۇرچە ناخشا تەقدىم قىلىندى. كېيىن ناخشا مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئوينالدى. ئاخىرىدا "ئۆزبېك، ئۇيغۇر، ئازەر بىر بويدۇر، قاراقالپاق، قىرغىز، قازاق ئۇلار بىر سويدۇر" دېگەن ناخشا ئورۇنلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر قازاق، قىرغىز ، تۈرك قاتارلىق پۈتكۈل تۈركىي سېستىمىسىدىكى مىللەتلەر ناخشا - مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ بىرلا ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ مىللى ئۇسۇللىرىنى ئوينىدى.
ئاخىرىدا، ئىستانبۇل شەھرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى مۇستافا ئالتۇنتاش ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: " ئەسلىمىز ۋە نەسلىمىز بولغان تۈركىستاندىن، ئانا ۋەتىنىمىز بولغان ئانادولۇ تۈركىيىگىچە ھەر خىل مەدەنىيەتلەر ئىچىدە بىرگە ياشاۋاتىمىز، بۇ يەردىكى ئەسلىمىلەر بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ يۈكسەكلىكى كۆرسىتىدۇ، بۇ كۆرۈنۈشلەر بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىشىش ئىچىدە تۈركىستاندىن رومىنىيىگىچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇن مەدەنىيەت ۋە تۇپراققا ساھىپ بولغانلىقىمىزنىڭ ئىسپاتىدۇر. بۇ تۇپراقلاردا ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ كەلدۇق ھەمدە گۈللەندۈردۇق. بۇ مەدەنىيەتلەرنى ئەجداتلىرىمىز بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە بەرپا قىلغان ئىكەن. ئوخشاشلا بىزمۇ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىزنى ساقلاپ كەلسەك ئەڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىمىز. بۈگۈن بۇ يەردە بۇ پروگراممىنى ئورۇنلاشتۇرغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىزمەت - پائالىيەتلىرى ۋە بۇ پروگراممىدا سەنئەتچىلىمىزنىڭ كۆرسەتكەن نومۇرلىرى ئەڭ ياخشى ئىشلاردۇر ئۇلار ئەسلى مەدەنىيىتىمىزنى ئەسلەتتى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ پروگراممىنى ئۇيۇشتۇرغان قېرىنداشلىرىمىزغا، سەنئەتچىلىرىمىزگە شۇنداقلا ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن."