ئىستانبۇلدا 'تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر' ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

2009 ‏ - يىلى 11 ‏ - ئاينىڭ 1 ‏ - كۈنى ئىستانبۇلنىڭ فەسھانە يىغىن زالىدا، 'تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر' ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تۈرك دۇنياسى ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

0:00 / 0:00

يىغىنغا تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك، سابىق دۆلەت مىنىستىرى نەۋزات يالچىنتاش، پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت مۇئەززىن، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكازىيە رايونلىرىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەرنىڭ تۈركىيىدىكى ئاممىۋىي تەشكىلات، جەمئىيەت ۋە فوندلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

يىغىنغا تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىدىن، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى قاتارلىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيىدىكى ۋەكىللىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

يىغىندا تۈرك ئۇجاقلىرى رەئىسى جەزمى بايرام ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى، كېيىن تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك قاتارلىق رەھبەرلەر تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەرنىڭ تۈركىيە سىرتى ۋە ئىچىدىكى مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆز قىلدى.

Istanbulda-Turki-xeliqler-yighini-1-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2009 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 11 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻨﯩﯔ ﻓﻪﺳﻬﺎﻧﻪ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ 'ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ' ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. (RFA Photo / Arslan)

دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاتا يۇرتىمىز بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا، مەۋجۇت تارىخ ۋە كۈلتۈر مىراسلىرى، بىلىم ۋە ئەدەبىيات دۇنياسىغا تۆھپە قوشقان مەشھۇر شەخسلىرى، قايغۇ ‏ - ئەلەم ۋە ئازاب ‏ - ئوقۇبەتلىرى مۇجەسسەملەشكەن ھۆرىيەت كۈرەشلىرى بىلەن دۇنيا مەدەنىيەتلىرى ئارىسىدا ئەھمىيەتلىك ئورۇن ئالغان. كەچمىشتە ئازاب ‏ - ئوقۇبەت، قىرغىنچىلىق ۋە ئاسىملياتىسىيە سىياسەتلەرگە دۈچ كەلگەن بولسىمۇ، تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى كىملىكلىرىنى قوغداپ، زامانىۋى دۇنيانىڭ بىردىن ئەزاسى بولۇشقا باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان بولساقمۇ، ئوتتۇرىمىزدىكى قانداشلىق مۇناسىۋىتى ئورتاق تارىخ ۋە كۇلتۈر بىرلىكىمىز، دەردىمىزنى ئورتاقلىشىشقا، خۇشاللىقلىرىمىزنى ھەممىمىز بىرلىكتە خۇشال ئۆتكۈزۈشكە ئۈندەيدۇ. چۈنكى بىز بىر مىللەت ۋە كۆپ دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان چوڭ ھەجىمدىكى بىر چىنار دەرىخىنىڭ شاخلىرىغا ئوخشايمىز. شاخلارنىڭ بىرسى خۇشال بولسا، پۈتكۈل شاخلارنى ياشارتىدۇ، يۈز بەرگەن بىر ئازاب بولسا، دەرەخ گەۋدىسىنى پۈتۈنلەي ئازابلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا ياشاۋاتقان قانداش ۋە قېرىنداشلىرىمىز ياشاۋاتقان يەرلەردە يۈز بەرگەن ئۇرۇش، ئىسيانلار نەتىجىسىدە دۈچ كەلگەن مىللىي ئايرىمچىلىق ۋە مىللىي قىرغىنچىلىققا ئوخشاش ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايى قىلمىشلار نەتىجىسىدە، ياشاش ئىمكانىيىتى قالمىغان ۋەزىيەتتە قالغاندا، مىللىتىمىزنىڭ ئەبەدىي يۇرتى يەنى ئاناتۇلىيىگە كەلدى، تۈركىيىدە ياشاۋاتقانلار ئۇلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى، تۈركىيە ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنى ئىكەنلىكىنى تۈركىيىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ياخشى بىلىدۇ.

دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك يەنە مۇنداق دېدى: تۈركىيىگە كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز، قانداشلىرىمىز ئوتتۇرا ئاسىيادىن نەسىردىن ئەپەندى ۋە مەۋلانا جالالىدىن بەلىخى يولغا سالغان قېرىنداشلىرىمىزنى تۈركىيىدە مەۋلانا جالالىدىن رۇمى قارشى ئالغان. ئوغۇز خاقان، تىمور، بابۇر، يىلدىرىم، ئالپئارسلان، فاتىخ، قانۇنى، ئاتاتۈرك بىزنىڭ ئورتاق ئەجدادىمىز. مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر ناۋايى، فۇزۇلى ئورتاق بىلىم ئادەملىرىمىز. خوجا ئەخمەت يەسەۋى ھېكمەتلىرى ئەڭ مۇھىم مەنىۋىي مەنبىمىزدۇر. پۈتكۈل بۇ قىممەتلىك مەنىۋىي بايلىقلىرىمىز، تارىخلىرىمىزنى ئورتاق تارىخ، تۇپراقلىرىمىزنى ئورتاق ۋەتەن قىلماقتا.

دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك تۈرك دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرىغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: قىممەتلىك مېھمانلار، قىممەتلىك ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، تۈرك دۇنياسىغا بولغان خىزمەت پائالىيەتلەرنى يېقىندىن كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز، ئەمما بۇ خىزمەتنىڭ پەقەت ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەنلا يۈرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى، دۆلەت كۈچىنىڭمۇ بۇ خىزمەتتە تەسىرلىك رول ئېلىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمىز. بۇ ھەقتە تىكا يەنى 'تۈرك ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى' نىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ھەم ئەجدادلىرىمىزنىڭ يادىكار ئەسەرلىرىنى رېمونت قىلىش، ھەم تەلىم تەربىيە ساھەسىدە پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇپ قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدىمۇ داۋام قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھۆرمەتلىك باش مىنىستىرىمىزنىڭ بۇيرۇقى بىلەن نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بىر سىستېما ئاستىدا ئادرىئاتىكتىن سەددىچىن سېپىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ياشاۋاتقان قانداش قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان يېڭى بىر ئىش پىلانى ھەققىدە خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىمىز، 'تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر' مىنىستىرلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەييارلانغان قانۇن ‏ - ئىش پىلانىنى باش مىنىستىرلىققا ئەۋەتكەنلىكىمىزدىن ئىبارەت خوش خەۋەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشىنى خالايمەن ۋە بۇ ھەقتە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ بىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېھتىياجىمىز بارلىقىنى ئىپادىلەيمەن.

يىغىن ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى سەھنىگە چىقىپ دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىككە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 5 ‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە ئۇيغۇرلارغا قىلغان ھېسداشلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ چىمەن دوپپا ۋە ئۇزۇن تون كىيگۈزدى.

بىز بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.