ئىستانبۇلدا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن ئېچىلدى

2009 ‏ - يىلى 8 ‏ - ئاينىڭ 16 ‏ - كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ۋەفا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يىغىن زالىدا 'ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ‏ - مۇلاھىزىلەر' ناملىق يىغىن ئېچىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرىغان بولۇپ، يىغىنغا دوكتۇر ‏، پروفېسسورلار، تەتقىقاتچىلار، ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان تەتقىقاتچىلار بولۇپ 500 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىس ۋەكىلى پروفېسسور سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى ئېچىلىش نوتىقى سۆزلىدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۇرك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا يەنە، ئەنقەرە ئۇنىۋېرىسىتېتى تۈرك تىل ‏ - ئەدەبىياتى فاكولتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن ئەمەت، '5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى' دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. يىغىن ئىككى بۆلۈمگە ئايرىلغان بولۇپ بىرىنچى بۆلۈمىگە ئەنقەرە بەيكەنت ئۇنىۋېرىسىتېتى پەن ‏ - ئەدەبىيات فاكولتىتى تۈرك تىل ‏ - ئەدەبىياتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر مېتىن قارائۇرس ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا، بەيكەنت ئۇنىۋېرىسىتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سابىق دۆلەت مىنىستىرى ئابدۇخالىق چاي ئەپەندى 'خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيتى' دېگەن تېمىدا، باغچىشەھەر ئۇنىۋېرىستېتى قانۇن فاكولتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر ھەسەن كونى ئەپەندى، ' شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرى' دېگەن تېمىدا، ئېگە ئۇنىۋېرىستېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت، ' خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان ئاسسىملىياتىسىيە سىياسىتى' دېگەن تېمىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شۇنداقلا سابىق دۆلەت مىنىستىرى، پروفېسسور دوكتۇر ئەخەت ئەندىجانى، ' شەرقىي تۈركىستان ۋە دۇنيا" دېگەن تېمىدا، گەبزە ئۇنىۋېرىسىتېتى ئالىي تېخنىكوم ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر سالىھ ئاينۇرال ئەپەندى، ' خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى' دېگەن تېمىدا، بەيكەنت ئۇنىۋېرىستېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر مۇزەففەر ئۆرەكلى "شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى ھەققىدە بەزى چۈشەنچىلەر' دېگەن تېمىدا، يازغۇچى سۇئات گۈن 'تۈركىيىنىڭ ۋە چوڭ كۈچلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى' دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

پروفېسسور دوكتۇر ھەسەن كونى ئەپەندى، ' شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرى' دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتلىرى زامان زامان بىزنىڭ دۇنيامىزنى تەسىرگە ئۇچراتتى، ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز نەچچە قېتىم قەتلىئامغا ئۇچرىدى، باستۇرۇشلارغا دۈچ كەلدى، ئۈرۈمچىدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يۈز بەرگەن ۋەقەگە دۇنيا جامائىتى بولۇپمۇ تۈركىيە جىددىي بىر شەكىلدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى، بۇنىڭ سەۋەبى غەرب دۇنياسىنىڭ، ھەربىي ۋە ئىقتىسادى ساھەدە ئاسىياغا يۈنىلىشىدۇر، 2007 ‏ - يىلى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېتسىن جورجتاۋۇن ئۇنىۋېرىستېتىدا سۆزلىگەن نوتىقىدا، بىز ئوتتۇرا شەرقتە تىنچىلىق بەرپا قىلىپ چىقىپ كېتىمىز ۋە بۇنىڭدىن كىيىن مۇھىم بولغان ئاسىيا. چۈنكى ياۋرۇپادىكى ئىستىمالچىلارنىڭ سانى 400 مىليون، ئاسىيادىكى ئىستىمالچىلارنىڭ سانى ئۈچ يېرىم مىليارد، ئۈچ يېرىم مىلياردلىق بىر ئىستىمالچىغا بىزنىڭ ئېھتىياجىمىز بار، شۇنىڭ ئۈچۈن جورج تاۋۇن ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئاسىيانىڭ جوغراپىيسىنى، تارىخىنى ئۈگەنسۇن، بىز سىلىق سىياسەت يۈرگۈزىمىز ۋە ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى ۋە تىجارەت ساھەلەردە ئاسىيا قىتئەسىگە كىرىمىز، دېگەن.

2007 ‏ - يىلدىكى بۇ سۆزلەردىن كېيىن شۇ خەرىتە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى، ئوتتۇرا شەرقتىكى مەسىلىلەرگە خاتىمە بېرىپ، ئاسىيا تەرەپكە يۈزلىنىش، ئاسىيا تەرەپكە يۈزلەنگەندە ئالدىدا ھەم ئىقتىسادى جەھەتتىن مەبلەغ سالغان ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا رەقىپ ھېسابلانغان خىتاي بار.، ئامېرىكىدىكى ھېرىتاچ فوندىنىڭ بىر ئادىمى: خىتايغا قارشى تۈرك بىرلىكىنى تەكرار چىقارساق بىر توسما قۇرالايمىز، چۈنكى بالقاندىن شەرقىي تۈركىستانغىچە تۈركلەر بار، دېگەن.

2008 ‏ - يىلىدا ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئوباما رەئىس بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرقتىن چېكىنىش پىلانىنى باشلىدى، ئۇرۇش ۋە جىددىيلىك ئىقتىسادى جەھەتتە خىتايغا، ئۇرۇش جەھەتتە پاكىستان ۋە ئافغانىستانغا يۈزلەندى، بۇ بىز ئۈچۈن ئۇمىدمۇ ياكى يېڭى بىر تۈزۈممۇ ھېچ ئېنىق ئەمەس، ئەمما بىر تۈركۈم ئۈمىدلەر كېلىۋاتقانلىقىنى دېيەلەيمىز، چۈنكى تىبەت ھەققىدە فىلىملەر، تىبەت ھەققىدە ماقالىلەر نەشر قىلىندى ھەممە يەردە تىبەت، تىبەت دېيىلدى، ئەمدى تويۇقسىز ئۈرۈمچى، شەرقىي تۈركىستان، تۈركلەر بۇ يەردە ئېزىلىۋاتىدۇ دېگەنگە ئوخشاش ۋەقەلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

ھەسەن كونى ئەپەندى خىتاينىڭ ئىچكى تالاش ‏ - تارتىشلىرىنىڭ ھەقسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىچىدە تالاش ‏ - تارتىش بار، مەركىزى كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ باشلىقى، خۇ جىنتاۋنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ مۇئاۋىنىنى كەلتۇرۇشنى خالايدۇ، خۇ جىنتاۋ باشقا دۆلەتكە ماڭغاندا بۇ ۋەقەنىڭ چىقىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ تىنچ شەكىلدە ھەل بولۇشى ھەققىدە ئۆزىنىڭ مۇئاۋىنىگە بىلدۈرمىگەن، ۋەقە چىققاندىن كېيىن خۇ جىنتاۋ مەجبۇرىي ھالدا قايتىپ كەلگەن، ئەمما ئۇ ئارىدا ۋەقەگە ساقچى قول سالغان، ساقچىنىڭ قول سېلىشىنى يەنە خۇ جىنتاۋغا ئارتىش ئۈچۈن 6 سائەت كىچىكتۈرگەن، زامانىدا ئارىلاشقان بولسا ۋەقە تۈگەيتتى، ئىككى تەرەپنى ‏بىر ‏ - بىرىگە قارشى سېلىش ئۈچۈن ۋەقەگە ئارىلىشىشنى 6 سائەت كىچىكتۈرگەن، كېيىن ۋەقەگە ساقچىلار قول سالغان ۋە ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان، خۇ جىنتاۋ قايتىقاندىن كېيىن، كوممۇنىست پارتىيىسى باشلىقىنى ۋە مۇئاۋىنىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئەيىبلەپ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بۇ تالاش ‏ - تارتىشلارمۇ ھەقسىزلىكلەرگە ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە يول ئاچتى.

ھەسەن كونى ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ ب د ت نىڭ ئىرقىي ئايرىمچىلىققا خاتىمە بېرىشكە ئالاقىدار كېلىشىمنامىگە ئىمزا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي قىستىلىپ قالدى، قارايدىغان بولساق، بۇ خىلدىكى دۆلەتلەر بىر تۈركۈم كىلىشىملەرگە ۋاقىتلىق ئىمزا ئاتىدۇ، 1986 - يىلى خىتاي 1965 - يىلىدىكى ب د ت كىلىشىمىگە قول قويغان، پۈتكۈل ئىرقىي ئايرىمچىلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش خەلقئارالىق كېلىشمنامىگە ئىمزا قىلغان. 2009 ‏ - يىلى 8 ‏ - ئاينىڭ 7‏ - كۈنى ب د ت نىڭ مۇتەخىسسىلىرى خىتايغا بېرىپ، ئۇ كېلىشىمنى ئەسلەتكەن، بۇ كېلىشنامىگە ئىمزا قىلىشنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى بىلدۈرۈپ،، بۇ كېلىشىمنامىنىڭ 5 ‏ - ماددىسىنى ئاڭلاتقان، " مەزكۇر دۆلەتتە ياشاۋاتقان پۇقرالارنىڭ، مەدەنىيەت ھوقۇقى، ئەركىنلىك ھەرىكەتلىرى، مىللىي ھوقۇق، چېگرالىرىنىڭ قوغدىلىش ھوقۇقى، خالىغان دۆلەتكە ساياھەت قىلىش ھوقۇقى، ئۆزلىرىنىڭ كىملىكلىرىنى ساقلاپ قېلىش ھوقۇقى، توي قىلىش ھوقۇقى، ئۆز ئالدىغا پۇل توپلاش ھوقۇقى، دىنىي ھوقۇقى، ۋىجدان ھوقۇقى، چۈشەنچە ‏ - پىكىر ئەركىنلىكى، تىنچ شەكىلدە توپلىنىش ۋە جەمئىيەت قۇرۇش ھوقۇقى، ئىقتىسادى، كۈلتۈر ھوقۇقى، تىجارەت قىلىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى قوغداش "مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كېلىشمگە خىتاي ئىمزا قىلغان. 2009 ‏ - يىلى 8 ‏ - ئاينىڭ 11 - كۈنى ب د ت نىڭ مۇتەخەسسسىلىرى خىتايغا بېرىپ، خىتاينىڭ خاتالىقلىرىنى كۆرسەتكەن ۋە خىتاينى قانۇن سېستىمىلىرىدىكى ھەم ئاساسي قانۇنىدىكى ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدىكى قانۇنلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىپ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە مەجبۇرلىغان.

يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە كەچلىك تاماق زىياپىتى بېرىلدى.