ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 'شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولماق' ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلار

2009 ‏- يىلى12 ‏- ئاينىڭ 27 ‏- كۈنى ئىستانبۇل ئۈلكە ئۇجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى تەرىپىدىن 'شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولماق' ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئىستانبۇل ئۈلكە ئۇجاقلىرى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئەزالىرى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ كۆپ ساندا ئاياللار قاتناشتى.

0:00 / 0:00

يىغىنغا، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تىبەت يۈجەتۈرك قاتارلىق كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلدى.

يىغىن بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىنغا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەجەمسۇ باز خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىندا ئىستانبۇل ئۈلكە ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ رەئىسى سەراپ بىلگىن خانىم ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى، يىغىندا يەنە ئىستانبۇل ئۈلكە ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى گۆكمەن كانتار، شەرقىي تۈركىستان داۋاسنىڭ بايراقدارى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ پەخرى رەئىسى ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆز قىلدى.

ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ھازىرقى دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ۋە خىتاينىڭ پىلانلىق توغۇت سىياسىتى ھەققىدەت توختىلىپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمان تۈرك ئانىلىرىنىڭ ئاقالمىغان قانلىق كۆز ياشلىرى، ئاياللارنىڭ مەجبۇرىي تۇغۇتنى چەكلەش سىياسىتى، تۇغماسلىق ئۈچۈن ئوپېراتسىيە قىلىش، كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرۈش جىنايەتلىرى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن مىللى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ ئاساسى قىسىملىرىدىن بىرى. خىتاينىڭ يۈرگۈزگەن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەتلىرى، ياشاش ھەققىنى دەپسەندە قىلماقتا. بۇ ئىسلام دىنى، خرىستىئان دىنىغا خىلاپ، ئىنسان ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن قوبۇل قىلىنمايدىغان ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ پىلانلىق تۇغۇت قىرغىنچىلىق سىياسىتى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ جىنايەتلەرنى توختات دەيدىغان بىر كۈچ يوقمۇ؟پۈتكۈل دۇنيا، تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسى بۇ خىل ئېغىر ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتكە سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ. خىتاي قانچىلىق زۇلۇم قىلسا قىلسۇن، قانچىلىك قىرغىنچىلىق قىلىشتىن قەتئىي نەزەر شەرقىي تۈركىستان خەلقى، مۇسۇلمانلىقتىن، تۈركلىكتىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيدۇ."

يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىسى، تارىخى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. كېيىن مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە بارات ھاجىمنىڭ ھايات ۋاقتىدا سۆز قىلغان سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلدى. پاتىمە قاراقاش ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىز "بىز كىم" دېگەن تېمىدا شېئىر دېكلاماتىسىيە قىلدى.

يىغىندا يەنە مارمارا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى پاتىمە يىلدىرىم ۋە چىنگىز شاھىن 'گۈزەل تۈركىستان ساڭا نېمە بولدى' ناملىق ناخشا ئوقىدى.

يىغىن ئاخىرىدا بىز ئىستانبۇل ئۈلكە ئۇجاقلىرى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ رەئىسى سەراپ بىلگىن خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سوئال: ھۆرمەتلىك سەراپ خانىم، سىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى 'شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولماق' ناملىق يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتىڭلار نېمە؟

جاۋاب: بۈگۈن بىز، ئىستانبۇل تۈرك ئوجاقلىرى ئاياللار بۆلۈمى، 'شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولماق دېگەن تېمىدا يىغىن ئۇيۇشتۇردۇق، بۇ بىر مۇھىم يىغىن، يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسەت، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەقەلەرنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىش، ئۇ يەردىكى ئاياللارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش، ئۆلكە ئۇجاقلىرى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان داۋاسنىڭ بىزنىڭ داۋايىمىز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش شۇنداقلا ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقانلارنى بىلىش ۋە باشقىلارنى خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى، ھەقىقەتەن بۇ يىغىندا كۆرسىتىلگەن سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلەر ۋە ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ بىزگە ئاڭلاتقان، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قىيىن ئەھۋالىنى ئاڭلىدۇق ۋە قايغۇردۇق.

سوئال: ھۆرمەتلىك سەراپ خانىم، بۇ يىغىندا سىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىدىڭىز، سىز بىر ئايال كىشى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇيغۇر ئاياللار ھەققىدە نېمىلەرنى ھېس قىلىۋاتىسىز؟

جاۋاب: مەن بىر ئايال كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاشۇلاردەك بىر ۋەھشىيلىككە دۈچ كەلسەم، ھەقىقەتەن ئۆلۈمدىن ناچار بىر ئىش، ئۆلۈمنى ئەلا بىلىمەن، بۇ قۇبۇل قىلىنمايدىغان بىر ۋەقە، ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكنى ئىپادىلىمەك ئىنسان ئۈچۈن بەك قىيىن، ئۇ يەردە يۈز بەرگەن ۋەھشىيلىكنى ئىپادىلىگۈدەك بىر سۆز تاپالمىدىم، كاشكى قولىمىزدىن چوڭ ئىشلار كەلسە، نېمە قىلىش كېرەك بولسا ئۇنى قىلىشقا تەييارمىز، ئەمما شارائىتلارنىڭ چەكلىك بولۇشى يۈرەككە دەرت بولدى. ئاللاھتىن ئۇلارغا سەبىر قىلىشنى، تايىنىدىغان كۈچ ‏- قۇۋۋەت بېرىشىنى تىلەيمەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.