يىغىنغا تۈركىيىنىڭ سابىق مائارىپ مىنىستىرى ھەسەن جالال ئەپەندى، زەيتىنبۇرنۇنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىلياس ساكا، زەيتىنبۇرنۇ ھاكىمى مۇستافا دۇندار، يېڭىچاغ گېزىتىنىڭ ئاخباراتچىسى ئارسلان بۇلۇت، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ئىسمائىل چىنگىز، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى باشلىقى تىبەت يۈجەتۈرك، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى فەتھى ئەخمەت ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاقلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
يىغىن شېھىدلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياقۇپجان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى. يىغىنغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇقادىر دونۇك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا يېڭىچاغ گېزىتىنىڭ ئاخباراتچىسى ئارسلان بۇلۇت، " شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى تەسىرى " تېمىسىدا، تۈركىيىنىڭ سابىق مائارىپ مىنىستىرى ھەسەن جالال ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ ھەل بولۇش يوللىرى دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
تۈركىيىنىڭ سابىق مائارىپ مىنىستىرى ھەسەن جالال ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇش يوللىرى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولمىغىچە ھەل بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇجادىلە قىلىش، بۇنى نىشان قىلىپ ھەرىكەت قىلىش لازىم، ئەمما بۇ بىراقلا ۋۇجۇتقا چىقىدىغان بىر نىشان بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەر خىل باسقۇچلار بويىچە يول تۇتۇش لازىم. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى مەدەنىي بىر شەكىلدە ئىجرا قىلىش لازىم. خىتاي دېموكراتلىشىشى لازىم، خىتاي بۇنچىۋالا سەرمايىگە ئىگە بولغان ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن كاپىتالىزم يولىغا كىرگەندىن كېيىن، مۇستەبىت ۋە دىكتاتۇرلۇق تۈزۈم بىر يېرىم مىليارد نوپۇس ۋە 8 مىليون يەر كۆلىمىگە ئىگە بىر كۈچنى كونترول قىلىپ ئىدارە قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھەقتە خىتايلارمۇ دۆلىتىنى قۇلاي ئىدارە قىلالىشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ خۇشال، پاراۋان ياشىشى ئۈچۈن دېموكراتىيىگە يۈزلىنىشى لازىم. خىتايدا دېموكراتىيە مۇتلەق قۇرۇلىدۇ، خىتاي دېموكراتىيە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ئوخشاش شەكىلدە داۋام قىلالمايدۇ.
ھەسەن جالال ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: تۈركىيىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئامېرىكا مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان ھالدا داۋام قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيادىكى يالغۇز كۈچ بولغانلىقى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تۈركىيىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئۇچۇق ۋە ئەركىن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەت - پروگراممىلىرىنى تۈركىيە بىلەن ئورتاقلىشىپ ئېلىپ بارالايدۇ ۋە ياكى بۇ ھەقتە كېلىشىم تۈزۈپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلالايدۇ.
ھەسەن جالال ئەپەندى سۆزىدە يەنە، تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە نىسبەتەن جىددىي بىر سىياسىتى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تۈركىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك بىر كۆز قارىشى بولۇشى لازىم. بىز بۇ ھەقتە چوقۇم مىللىي بىر كۆز قاراشقا ئىگە بولۇشىمىز لازىم. بۇ كۆز قاراش پەقەت ئىدېئولوگىيە ۋە ھېس - تويغۇلۇق كۆز قاراش بولماستىن، بەلكى جىددىي شەكىلدە ھەرىكەتچان بىر كۆز قاراش بولۇشى لازىم. چۈنكى كەلگۈسىدە، ئۇزۇن زامان سۈرمىگەن بىر ۋاقىت ئىچىدە مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن بىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى بىزگە كەڭ تۈردە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ، ۋاھالەنكى پايدا - مەنپەئەت ئېلىپ كەلمىگەن تەقدىردە، بىزگە بىر يۈرۈش زىيان ئېلىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ،بىز مىللىي بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇ زىياننى تۆلەشنى كۆز ئالدىمىزغا قويۇشىمىز لازىم، باشقا ئامال يوق. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە باش مىنىستىرىمىز يېقىندىن بىرى خىتاي ھەققىدە ئوچۇق بىر باياناتلار ئوتتۇرىغا قويدى. مەن بۇ ھەقتە شۇنى ئويلايمەنكى، تۈركىيە بىر يۈرۈش ئىقتىسادى مەنپەئەتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنۇتمايدۇ، تۈركىيە بۇ ھەقتە مەسىلە تۇغدۇرىدۇ، دېگەندەك پىكىر - قاراشلار ئورۇنلىشىشى لازىم. مەن بۇ چۈشەنچىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن. شەرقىي تۈركىستان نەدە، تۈركىيە قەيەردە دېمەسلىك لازىم، دۇنيا كىچىكلىدى، تۈركىيە تاشقى سىياسەتلەردە كۈچىيىشكە باشلىدى. بۇ ئىش بىر قانچە يىل ئىچىدە بولىدىغان ئىش دەپ چۈشەنمەسلىك لازىم بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ئىش.
ھەسەن جالال ئەپەندى سۆزىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستاندا تارىختا بىر قانچە قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇستەقىل بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: قارايدىغان بولسا، ئابدۇلئەزىزخاننىڭ نامىدا ياقۇپ بەگ شەرقىي تۈركىستاندا خۇتبە ئوقۇتقاندىن كېيىن 1878 - يىلى ئىشغال ئاستىدا قالدى. كېيىن 60 يىل خوتەن، قەشقەر، يەكەن، تۇرپاندا ۋە نۇرغۇن يەرلەردە كۆرەش قىلىندى ۋە 1933 - يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى، كېيىن يەنە 1944 - يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. يەنى ئەسلىدە بۇ، بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ تۇرۇپ - تۇرۇپ مۇستەقىللىقنى ئېلان قىلىش تەلىپىگە ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭ ئارقىسدا 2200 يىللىق تارىخ بار. مەتەخاننىڭ شەرقىي تۈركىستاننى فەتىھى قىلىشى 2200 يىل ئىلگىرى بولغان، يەنى مىلادىيىدىن ئىلگىرى 200 - يىلى چوڭ بىر ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق فەتھى قىلىنغان. شەرقىي تۈركىستان ھۇنلاردىن باشلاپ، كۆكتۈركلەر، ئۇيغۇرلار، قاراخانىيلارغىچە بولغان تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمىي تارىخىي مەركىزى بولغان. شەرقىي تۈركىستان 2200 يىللىق تارىختا مۇستەقىل بولۇپ ياشىغان قىسمى ئەسىر بولۇپ ياشىغان ۋاقىتتىن تېخىمۇ كۆپ. شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ئەجدادلىرىدىن قورقۇپ سەددىچىن سېپىلى سېلىنغان. مۇشۇنداق بىر دۆلەت ھەققىدە سۆز قىلىۋاتىمىز، مۇشۇنداق بىر دۆلەت يەنە قانچىلىك زامان ئەسىر قالىدۇ دەپ ئويلايمىز؟، خۇدايىم بۇيرىسا، ھەممىمىزنىڭ غەيرىتى، تىرىشچانلىق قىلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان چوقۇم مۇستەقىللىككە ئېرىشىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.