ئىستانبۇلدا 'شەرقىي تۈركسىتان تۈركلىرىنىڭ كەچمىشى ۋە بۈگۈنى' دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى

4 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ باغچىلار رايونلۇق دۈندار ئۇچار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يىغىن زالىدا، "شەرقىي تۈركسىتان تۈركلىرىنىڭ كەچمىشى ۋە بۈگۈنى" دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى.

0:00 / 0:00

يىغىنغا باغچىلار رايونلۇق مىللىي مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇدىرى ئىسمائىل توغرۇسوي ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى، دۇندار ئۇچار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

يىغىن بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا دۇندار ئۇچار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى رامىزان يىلماز ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

يىغىندا دۇندار ئۇچار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سەفا دوغرۇ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان " سېغىندىم " دېگەن تېمىدىكى شېئىرنى دىكلاماتىسىيە قىلدى.

كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، شەرقىي تۈركسىتان جۇغراپىيىسى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم سىياسەتلىرىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنغا چەكلىمە قويۇش، ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىش، قوش تىللىق مائارىپنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپ دەرسلىكلىرىدىن چىقىرىۋېتىش، شەرقىي تۈركسىتانغا كۆچمەن يۆتكەش سىياسەتلىرىنىڭ ئاساسي مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسىمىلياتىسىيە قىلىش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى دەپ ئۆتتى.

يىغىندا يەنە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرىدىن ئابدۇكېرىم ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كەچمىشى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى شۇنداقلا 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى.

يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

يىغىن ئاخىرىدا، باغچىلار رايونلۇق مىللىي مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇدىرى ئىسمائىل توغرۇسوي ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىگە، يىغىندا سۆز قىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ دۇندار ئۇچار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ نامىدا گۇلدەستە تەقدىم قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك، مەكتەپ مۇدىرى رامىزان يىلماز ئەپەندىگە ئۇيغۇر چىمەن دوپپىسى تەقدىم قىلدى.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە يىغىنغا قاتناشقان مەكتەپ مۇدىرى رامزان يىلماز ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھۆرمەتلىك مۇدىر ئەپەندىم، نېمە ئۈچۈن مەكتىپىڭىزدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر يىغىن ئېچىشنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز؟

-- 18 ‏- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدا قالغان ۋە 1955 ‏- يىلىدا ئاپتونوم رايون دەپ ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركسىتان ھازىرمۇ ئىشغال ئاستىدا تۇرماقتا. تارىخي ئورۇن قەشقەردە، ئۈرۈمچىدە، تۇرپاندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىنىۋاتىدۇ، ئاساسى ھەق ‏- ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان، كۆچۈشكە مەجبۇرلانغان، قىرغىنچىلىق ئاستىدا قالغان شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئەركىنلىككە چىقىشنى خالايدۇ. بىزنىڭ باغچىلار رايونلۇق ئەۋران مەھەللىسىدە كۆپ ساندا شەرقىي تۈركسىتانلىق ئۇيغۇر، قازاق قېرىنداشلىرىمىز ياشايدۇ، مەكتىپىمىزدىمۇ تەكتى ئۇيغۇر، قازاق بولغان ئوقۇغۇچىلىرىمىز بار، شۇ سەۋەبتىن مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىلدۈرۈش، ئۇ يەردىكى مۇسۇلمان قان ‏- قېرىنداشلىرىمىز چېكىۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق، بۇ يىغىندىن ئوقۇغۇچىلىرىم بەك تەسىرلەندى.

ھۆرمەتلىك مۇدىر ئەپەندىم، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا دېمەكچى بولغان سۆزىڭىز بارمۇ؟

-- شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىم شۇنى بىلسۇنكى، ئۇلار چېكىۋاتقان زۇلۇمنى بىزمۇ قەلبىمىزدە ھېس قىلىۋاتىمىز، ئۇلار تارتىۋاتقان ئازابلارنى بىزمۇ تارتىۋاتىمىز، ئۇلار "بىزنى ئۇنتۇپ قالدى" دەپ ئويلىمىسۇن، ئۇلار بىزنىڭ كۆڭلىمىزدە، ھەر ۋاقىت ئۇلارنى ئەسلەيمىز ۋە سۆيىمىز ھەمدە سەمىمى سالام يوللايمىز.

بىز يەنە، بۇ يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبەتلىرىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.